ئۆلۈش ئۈچۈن ياشايمەن
ئەكبەرجان
1-تۇغۇلۇش
يىغا بىلەن تەڭ ئانام تېنىدىن تۇغۇلدۇم،
ھەم سۈتتەك ئاپاق سۇدا يۇيۇلىدم.
ئاۋازىمدا ئەكىس ئەتتى خۇشاللىق،
قەۋىمىمگە ئوماق بىر خىل تۇيۇلدۇم.
تۇغۇلغان كۈن ئىدى جۇت ھەم قەھرىتان،
پۈتكۈل ئەتراپ ئىدى سوغۇق زىمىستان.
شۇڭا چىداپ ياشىيالايمەن جۇتلارغا،
كەلگۈسۈمنى تىلەيمەن بولسىكەن دەپ گۈلىستان.
2-ياشاش
ياشاش ئۈچۈن يەۋاتىمەن مەن ماي ناننى،
ياشاش ئۈچۈن خورىتىۋاتىمەن ھەم بۇ جاننى.
نە ئامال بار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈشكە،
ئىگىسىدىن ياشا دەپ بۇيرىغانكەن بۇ تەننى.
قاراپ باققان ئەتراپىڭغا زەن سېلىپ،
ھوزۇرلانغان زوقلارنى سەن ھەم ئېلىپ.
ئالالمىساڭ غىجەكنى باشقىلار چالالايدۇ،
كەتسىمۇ شۇ قوللىرى سېنىڭكىدىن كۆپ تىلىپ.
قاراپ باققان ئېرىنمەي ئالدىڭدىكىنىڭ ئالدىغا،
ئۆكۈنگىن سەن ئۆزۈڭگە بېرىۋالمىغىن دالىدىغا.
سەن قىلمىساڭ قىلىدۇ خەق رىقابەتلىك دەۋر بۇ،
ئۆلۈش ئۈچۈن ياشايسەن قاراپ باققىن ئارقىغا.
3-ئۆلۈم
قورقمايمەن دەپ باققىن ئككى مېتىرلىق ئۆيۈڭدىن،
دېيەلمەيسەن ھېس قىلدىم ماڭا قىلغان سۆزۈڭ.
ھوقۇق ئەمەل مەنسەپلەر قالۇر جايى جايىدا،
ئايرىلىسەن بىر بىرلەپ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزۈڭدىن.
ئېلىپ ماڭار تېزلىكتە سېنى تەقدىراۋاندا،
بەزى يامغۇر بەزى قار، ۋە ياكى كۈن بوراندا.
تەقدىراۋان ئەمەس ئۇ،سېنىڭ ئېسىل ماشىناڭ،
بەزى ئېسىل ماشىنا ،چىقار تۈتۈن موراڭدا.
كەتكەندە سەن ئويلايسەن زېرىكىشلىك ئۆيۈڭگە،
ھەم تەقەززا بولۇرسەن بىر تامچە شۇ سۈيىڭگە·
ھەق تۈگىگەندە ئامال يوق ئايرىلىمىز ھەممىدىن،
ھاياتلىرىمىز ئويلايمىز بارساقمىز دەپ تۈيۈڭگە.
73 قېتىم كۆرۈلدى | akbarjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-17 18:13:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|