سالامەت بولسۇن - خىلىل مۇھەممەت (ئۈمۈدۋار)
سالامەت بولسۇن

خىلىل مۇھەممەت (ئۈمۈدۋار)


ئۇخلىماي تۈنگىچە بىزدىن كەچ يىتىپ،
ھەركۈنى سەھەردە ناشتىلىق ئىتىپ،
ناشتىلىق تاماققا شىرىن تەم قىتىپ،
ھارمىغان شۇئانام سالامەت بولسۇن.

قوللىرى كەتسىمۇ چاك-چاك يىرىلىپ،
كونىراپ كەتسىمۇ كىيىمى يىرتىلىپ،
كەتسىمۇ ئاغرىقىتىن ياكى قىينىلىپ،
چانمىغان شۇئانام سالامەت بولسۇن.

ھاياتى بالام ۋە ئۆيۈم دەپ ئۆتكەن،
قايغۇ ۋە ئەلەمنى ئۆزىلا يۈتكەن،
مىھرىدە ئللىق بىر ئائىلە پۈتكەن،
مىھرىبان شۇئانام سالامەت بولسۇن.

قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ ھەرچاغ،
ئۇچرىماي جاپاغا ئاشسۇن داۋان تاغ،
بالامنىڭ بولسۇن دەپ بارچە گۈزەل باغ،
قول ئاچقان شۇئانام سالامەت بولسۇن.

ئانام بار يىنىمدا كۆڭلۈم توق ھامان،
بوران ۋە يامغۇردىن قورقۇش يوق تامان،
كۈلپەت كەپ چىرايىم بولسا گەر سامان،
يۆلىگەن شۇ ئانام سالامەت بولسۇن

2015-ئاينىڭ12-ئاينىڭ 1-كۈنى





37 قېتىم كۆرۈلدى خىلىل مۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-11 20:20:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ