يار دېمەڭ
قىز بولسىلا چىرايلىق كۆرۈنگەننى يار دېمەڭ ،
قۇچىقىغا پۇل - مالنىڭ ئۆرۈلگەننى يار دېمەڭ .
مېھمان بولۇپ كەلگەندە ئۆيگە بىرەر قېرىنداش ،
سەۋەپسىزلا قاپىقى تۈرۈلگەننى يار دېمەڭ .
دەسمىي سېلىپ كۆڭۈلنى ئويناپ يۈرسە باغلاردا ،
ئارتىۋېلىپ رومالنى گاھى پىنھان جايلاردا .
ساختا ئوراپ يۈزىنى كۆزى ئەمما ياتلاردا ،
دەسىتىپ ئۆز سەنەمگە كۈلگەنلەرنى ياردېمەڭ.
بىر بولمىسا دىل بىلەن ئېغىزدىكى ئېيتىقان سۆز،
قېرىنداش ھەم ئانىنى كۆرەلمىسە پەقەت ئۆز .
مۇھەببەتلىك قەلبىكە يېرتىپ سالسا ياماق كۈز،
چىڭ باغلىماي يىپلىرى ئۈزۈلگەننى يار دېمەڭ.
يازغۇچى : مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
| 111 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-14 0:08:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|