بىر تۈپ خىيال - سەيپىدىن ئامۇت

 بىر تۈپ خىيال

سەيپىدىن ئامۇت

ئىچىمنى غەش كويغا سالدى بىر نەپەس،
كۆزۈمنى ھىجرىگە سۆرىدى دەريا.
ھېسلىرىم چېچىنى چۇۋۇماق بولدى،
ئەڭ ئېغىر كۈلكىلەپ بەس قىيا-چىيا.

باھارنىڭ قانىغان ئاۋازلىرىدىن،
نېمىشقا بىلمەيتتىم توزۇماقچى گۈل.
ئازاپ ئۇ شۇقەدەر رەھىمسز ئۆكتەم،
ئۇنىڭدا قالمىدى ناتۇنۇش كۆڭۈل.

سەتھىمنىڭ ئەينىكى چېقىلماقچىدۇر،
سۆزلىمەس ۋە پاڭدۇر زىمىن تىپتىنىچ.
ئېھ! ئاۋاز ئېھ! سۇنۇق كەلمىشىڭ ئۈچۈن،
ئەڭ ئاۋال كۆكسىۈمدىن ئۆتكۈزگىن قېلىچ.

دەردىمنىڭ رەڭگىدە قالىمەن بىر ئاز.
يەنىلا كېچىنىڭ ئولجىسى تەييار.
پىغاننىڭ شۆھرىتى دەممۇ-دەم زاھىر،
بىھۇشكەش لەرزىمدە بىر تۈپ خىيال دار.
2016.29سېنتەبىر
     





53 قېتىم كۆرۈلدى oygan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-1 22:55:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ