تۈگەيدۇ

…تۈگەيدۇ…

 

يالغان سۆيمە ۋەدەڭ تۈگەيدۇ،

 ۋىژدان غورۇر زەردەڭ تۈگەيدۇ.

 يالغان سۆيۈپ ئ‍الدىما ھەرگىز،

 ئ‍ۆزەڭگە يانسا ھەدەڭ تۈگەيدۇ.

 

قۇياش چاشسا ئ‍ىللىق نۇرىنى،

گۈللەردىكى شەبنەم تۈگەيدۇ.

 يېراق يارنى سۆيمىگىن ھەرگىز،

 كۆز ياشلىرىڭ دەم-دەم تۈگەيدۇ.

 

كۆرەي دىسەڭ يىراق جامالى،

 تۇتاي دىسەڭ يىراق ئ‍المىسى،

سېغىنىش يۆگەپ ئ‍اتساڭ چالمىنى،

خوشاللىقىڭ ھەر-دەم تۈگەيدۇ.

 

قۇسۇر چىقار ھەر-قاچان سەندىن ،

 تۇتىۋالساڭ يىراقتىن ياردىن.

داۋان ئ‍اتلاپ ئ‍ۆتسەن يادىن،

 پىنخان سۆيسەڭ مەرى تۈگەيدۇ.

 

شۈكرى قىلغىن كۆرگەن كۈنىڭگە،

سەبىر قىلغىن ئ‍ۇيقۇسىز تۈنگە.

 توشقازساڭمۇ ئ‍ۆينى تۈتۈنگە،

 ھەسرەت قىلىپ ئ‍ۆپكەڭ تۈگەيدۇ.

 

 يىراق يارغا چىدىماي ھەر-ۋاق،

 ئ‍ىچىۋالساڭ بىر قۇتا ھاراق.

ئ‍ۇنۇتقانداك قىلساڭمۇ ئ‍ازراق،

ئ‍ازاپ قالار كەيپەڭ تۈگەيدۇ.

 

 2015 8 25 كۈنى

ئىسمايىل تۇداخۇن ئ‍ىنتىل





302 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ىسمايىل تۇداخۇن ئ‍ىنتىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-25 20:10:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-27 20:14:15 ھايات
قالتىس بۇپتۇ
2015-8-26 10:32:42 ياسىنجان
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بەك ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ