باشقىغا (مۇخەممەس)
ئابلەتچان تۇردى(چەرچەن)
يۈرىكىم بولدى بىرگۈلخان كۆيمەس سېنىڭدىن باشقىغا،
خىيالىم كەپتىرى ئۇچسا قونماس ئويۇڭدىن باشقىغا،
داۋا تاپتىم سەن ئۈچۈن قىلغان خېمىمدىن باشقىغا،
سۆزدە بىر بۇلاق ئېرۇرسەن نىچۈن مېنىڭدىن باشقىغا،
يۆتكىيەلمەيمەن كۆزۈمنى كۆرسەم كۆزۈڭدىن باشقىغا،
خۇشاللىققا تولغۇسى سېنىڭ ئۈچۈن باسقان قەدەم ،
قالمىسۇن ھىجران بىلەن شۇ ناتىۋان كۆزلەردە نەم ،
نەم ئەمەس شاتلىق تولار بىر سەن بىلەن بولغاندا جەم ،
شۇ خىياللار ئىچىدە باش ئاغرىتار يەنەبىر غەم ،
چۈنكى پۇرسەت بەرمىدىڭ ئەسسالامدىن باشقىغا،
جۈپتىنى ئىزدەيدۇ قۇش ھەتتا پاتقاقتىكى ئۆردەك،
سەن بولمىساڭ بۇ جاھان بىلىنەر مەن ئۈچۈن گۆردەك،
كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدىغۇئىشقىڭ يالقۇنجىغان چوغدەك،
دەرتلىرىم تولدى يۈرەككەئايىغى چىقمايدىغان كۆلدەك،
كۆل بىلەن بىر باغ توشار«ياق!ياق!»سۆزۈڭدىن باشقىغا·
خېلى كۈنلەر بولدىغۇسېنىڭ كويۇڭدا ماڭغىلى،
سەن يا شۇنداق ئويدىمۇدەرتنى قوشلاپ تاڭغىلى،
خىيالىم بىر سەندىلا يا بولمىغان خەت يازغىلى،
بەزىدە قىلغان ئىشىمدىن تاس قالارمەن ئازغىلى،
شۇنچە تەلمۈردىم ساڭاكەتمە يېنىمدىن باشقىغا·
ساڭا ھەرگىز تەڭ قىلماس مەن بەرسە گەر جەننەتنىمۇ،
ئالدىڭدا نىمجان بىلۇرمەن شىر،يولۋاس ھەيۋەتنىمۇ ،
ساقلىتامسەن مېنى شۇنداق كۈنى-كۈنلەپ ھەپتىمۇ ،
ياكى باشقا بىرلىرى ئىشكىڭنى چېكىپ كەپتىمۇ،
ھەرگىز ئۇنداق بولمىغاي قايتاي سۆزۈمدىن باشقىغا.
ئويلىسام ھېچ تۈگىمەس يازغانلىرىم بارى ئەمەس،
لېكىن سەنسىز بۇ قەلەمنىڭ قۇۋۋىتى جارى ئەمەس،
سەنلا بولساڭ يېنىمدادۇنيادا مەن خارى ئەمەس،
كەلسەڭ بولاتتىم قارچۇغا ھەرگىزمۇ بىر سارى ئەمەس،
جاۋابىڭنى ئاڭلىماي كۆندۈم ئۆلۈمدىن باشقىغا ·
110 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلەتچان تۇردى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-5 19:34:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|