كۆزلىرىڭنى ئىزدېدىم - ئۈمىد تۇرئاف زامانى

 كۆزلىرىڭنى ئىزدېدىم

ئۈمىد تۇرئاف زامانى (رەڭ)


خىيالىمدا كۆزلىرىڭنى ئىزدىسەم،
تاپالمىدىم خىيالىمدىن كۆزۈڭنى.
بىر چىمەننىڭ كۆزلىرىگە قارىسام،
تەكرارلىدى ”ساراڭ"دىگەن سۆزۈڭنى.

شۇ زامانلا تۇرۇپ قالدىم تىڭىرقاپ،
مەن ئىزدىگەن قاراكۆزلەر شۇمىدۇ.
خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى لەپ _لەپ قار،
كۆرگۈم كەلدى خۇماركۆزلۈك نەدىدۇ؟

ئولتۇراتتىم كۆز ئالدىمدا ئاق پارتا،
خاتىرلىدىم خۇمار كۆزنىڭ شەكلىنى.
قۇلىقىمغا ۋارقىرىدى سەت بىرى...
دەرس ئاڭلا،يا بولمىسا ئىشىك ئەينا.

سىنىپتىن چىقىپ كەتسەم بولمايتى،
سىزۋالغان خۇمار كۆزنى تاشلاپلا ...
نە ئىلاجىم بۇ سەت چىراي ھەيدىدى،
چىقىپ كەتتىم باشلىرىمنى قاشلاپلا.

2016.11.28
     





109 قېتىم كۆرۈلدى Turaf ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 2:32:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ