ئۆلۈمنى ئەسلەپ
گۈلزىرە مەخمۇت
ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى . 2014-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى بىز ئاكامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالدۇق! ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بۇ ئۆلۈم نۇرغۇنلىغان كۆزلەرنى ياشلىدى ، يۈرەكلەرنى ئازاپلىدى ، تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدى !……ئاشۇ قايغۇلۇق كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگۈنۈمنى بىر پەقەت ئۆزۈم بىلىمەن ! ئانامنىڭ يىغىسى ، دادامنىڭ قايغۇسى ، يەڭگەمنىڭ ئەلىمى……ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەسرىتىنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن!…… دۇنيادا ئۆلۈمدىن قاتتىق نەرسە بولمىسا كېرەك ! ئۆلۈم ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ! ئۆلۈمنىڭ نە ئازاپ بىلەن ، نە يىغا بىلەن كارى يوق ! ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ھەممىمىز ئاجىز ! بولۇپمۇ تۇيۇقسىز بولغان ئۆلۈم ھەممىمىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ! ……ئىشەنگىنىڭىز كەلمەيدۇ ، بىراق ئىشەنمەي ئامال يوق ! قوبۇل قىلماقتىن باشقا چارە يوق ! …… ئاكامدىن شۇنداق تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالدۇق ! مېنىڭ ئاكامغا دەيدىغان سۆزلىرىم شۇ پېتى قالدى ، ئۇنىڭغا « مەن سەندىن رازى ئاكا ، سەنمۇ مەندىن رازى بولغىن !……» دېگەندىن باشقا سۆز دېيەلمىدىم . ئاكام ھايات چېغىدا ئۇنى جىقراقمۇ ئاكا دەپ چاقىرماپتىكەنمەن . سېنى ياخشى كۆرەتتىم ئاكا ! ئاكام بار دەپ يۈرىكىم توق ئىدى ! ئەمدى چاقىرساممۇ سەن يوق ! « سېنى ياخشى كۆرىمەن ئاكا ! » دەپ باقماپتىكەنمەن ، ئەمدى دېسەممۇ كىم ئاڭلايدۇ ؟ ئاۋازىڭنى ئاڭلىيالمايمەن ئەمدى جېنىم ئاكا ! ……«تويۇڭدا مەن بار ، ساۋاقداش بالىلارنى ئۆزۈم كۈتىمەن » دېگەن ئىدىڭغۇ ئاكا ؟ بىراق سەن بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدىڭ……«قىزىمغا ياخشى قاراڭ ئانا ! » دەيتىڭ دائىم ! بەلكىم كۆڭلۈڭ تۇيغان ئوخشايدۇ بىزنى تاشلاپ كېتىدىغانغا…… قىزىڭ 9-ئايدا ئالتە ياشقا كىرىدۇ . ئۇ سەندىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالدى ، دائىم گېپىڭنى قىلىدۇ ، نېمىشقا دادام كەلمەيدۇ ؟ نېمىشقا دادامنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەيمىز ؟ دەيدۇ . قىزىڭ ئۆلۈمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيلا سەندىن ئايرىلىپ قالدى . بىز سەندىن ئايرىلىپ قالدۇق جان ئاكا ! ……ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن ، خاتىرجەم ياتقىن ، قىزىڭغا ياخشى قارايمىز !…… بىز ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە قىلالمايمىز ، چۈنكى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز ! پەقەت شۇ ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بار !……بەزىدە ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالىمىز ! بىر-بىرىمىزگە ئازار بېرىپ ، ئۆلمەيدىغاندەك تالىشىپ ! لېكىن ئۆلۈپ كېتىمىزغۇ ھامان ! بۇ ئۆمۈر شۇنچىلىك قىسقا ، شۇڭا ھايات ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيلى ! ياخشىلىقنى كۆپرەك قىلايلى ! ياخشىلىق ئۆلمەيدۇ ئەمەسمۇ ! ئىنسان ئۇنتۇلغاق نەرسە ، ئۇنتۇش ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك . بىراق ئۆلۈمنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك ! چۈنكى ھەربىرىمىز بۇ دۇنياغا ئامانەت !……ئۆلۈم ھەممىنى يېڭىدۇ ! ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ . شۇڭا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قەدىرلەيلى ، قەدىرلىنەيلى !……
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2016-يىلى 2-سېنتەبىر
377 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-14 13:46:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-18 22:47:20 | زۆھرە |
بەك ياخشى يېزلپتۇ |
2016-9-18 17:48:32 | مۇختەر |
ياخشى يېزىپسەن، بىزمۇ سېغىندۇق ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|