تۈنجى قار (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 تۇنجى قار

ئاقلىباستىن تونلار كەيدۈرۈپ،
تۇنجى قارلار ياغماقتا بۈگۈن.
سۆيگۈ گۈلۈم توزىغاچ ئۈششۈپ.
قەلبىمدە قالدى تالاي تۈگۈن.

ئاپپاق قارلار ئۈستىدە مېڭىپ،
يۈرمەكتىمەن قارلارنى كېچىپ.
باستى مېنى بەكمۇ غېرىپلىق،
يارىم سېنى ئېسىمگە ئېلىپ.

ئويناپ يۈرەر ئاشىق مەشۇقلار،
قار ئۈستىدە بىر.بىرنى قوغلاپ.
لىكىن مەنلا يۈرىمەن تەنھا،
ئۆتكەن ئاشۇ ئۆتمىشنى ئويلاپ.

كەلدى  شۇئان مېنىڭ يادىمغا،
قول تۇتۇشۇپ بىز ماڭغان چاغلار.
شېرىن تاتلىق ۋەدىلەر بىرىپ،
يار  ئىككىمىز  ئوينىغان  باغلار.
           
ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار . چ چ. 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ





244 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-7 17:43:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-8 1:10:15 گۈزەلنۇر
بەكمۇ ياخشى بېزىلىپتۇ 👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ