لازىلىرىڭ تاتلىقكەن دۇنيا
غۇلامىدىن مەردان
ئەجەپ بىر زامان بوپ قاپتۇ،
يامانلارغا شاتلىقكەن دۇنيا!
بويتاق قويۇپ ياخشىلارنى،
يامانلارغا <ياتلىق>كەن دۇنيا!
ياخشىلىرىڭ يۈرەر پىيادە،
يامانلىرىڭ ئاتلىقكەن دۇنيا!
كۆپ نەرسىلەر جا لىشىپ كەتكەچ،
لازىلىرىڭ تاتلىقكەن دۇنيا!
ياخشىلارنى جاپاغا قويۇپ،
تاماشا قىپ يۈرەمسەن دۇنيا!
زىرىكسەڭ گەر ھايات پەيزىنى،
شۇنداق قىلىپ سۈرەمسەن دۇنيا!
بىچەرىلەرگە ئىچ ئاغرىتىش يوق،
مازاق قىلىپ كۈلەمسەن دۇنيا!
گەر شۇلارغا باقساڭ بىر قېتىم،
يامان بولۇپ ئۆلەمسەن دۇنيا!
ياخشىلارنى قويۇپ جاپاغا،
يامانلارنى يۆلەمسەن دۇنيا!
مىنىمۇ شۇنداق جاپادا قويدۇڭ،
ھېرىپ ئۆلسەم تۆلەمسەن دۇنيا!
گەر چۆرگىلەپ پەلەك بىركۈنى،
يامانغا يەڭنى تۈرەمسەن دۇنيا!
ياكى بىركۈن كۆزۈڭ ئېچىلىپ،
ھەق-ناھەقنى كۆرەمسەن دۇنيا!
ھەم شۇچاغدا ياخشىلارغىمۇ،
مىھرېڭ بىلەن باقامسەن دۇنيا!
يامانلاغا ھەم غەزىپىڭ بىلەن،
ھالاك ئوتىنى ياقامسەن دۇنيا!
-غۇلامىدىن مەردان تالبي
118 قېتىم كۆرۈلدى | غۇلامىدىن مەردان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-16 5:24:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|