سۆيىمەن سىنى(يارغا يۈرەك سۆزۈم)
رابىگۈل
دىلىمدىن سۆيگەنتىم پەقەتلا سىنى،
ھەم يەنە سۆيىمەن يۈرەكتىن سىنى.
شۇنچىلىك خۇشالمەن، شۇنچە بەختىيار،
سەنمۇ ھەم سۆيگەچكە يۈرەكتىن مىنى.
يۈرەكلەر بىر بولدى، بەختىمىز كۈلدى،
دۈشمەنلەر يىغلىدى، دوستىمىز كۈلدى.
تۇرمۇشىمىز بەختىكە، شادلىققا تولدى،
قەلبىمىز مۇھەببەت مىھىرگە تولدى.
ئۆتكۈزدۇق شۇنچە تىز مانا ئۈچ يىلنى،
ئۇزاتتۇق تالاي كۈن، تەقدىر-قىسمەتنى.
يىغلاتتىم، قاقشاتتىم تالاي رەت سىنى،
كەچۈرگىن ھاياتىم كەچۈرگىن مىنى.
بىلمەن يۈرەكتىن سۆيىسەن مىنى،
مەنمۇ ھەم دىلىمدىن سۆيىمەن سىنى.
ئارزۇيۇم، ئۈمۈدۈم ، تىلىكىم شۇدۇر،
مەڭگۈگە سۆيىسەڭكەن پەقەتلا مىنى.
ماڭا ئۈچ يىلدىن بىرى كۆيىنىپ، ئاسراپ كەلگىنىڭىزگە تەشەككۈر، مەرھابا ئۈچ يىلىمىز ئۈچۈن ئاددى قەلىمىم بىلەن يۈركۈمنى،قەلبىمنى سىزدىم،بىزگىلا خاس بولغان مۇھەببەت بىغىمىزنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن،مۇھەببىتىمىز قەبرىمىزگىچە داۋام قىلغۇسى.... سىزگە بەخىت ھەم ساغلاملىق تىلەپ،مۇبارەك ئۈچ يىلىمىزنى تەبرىكلەپ گۈلىڭىزدىن......
281 قېتىم كۆرۈلدى | رابىگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-4-29 21:39:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|