دادام چىرايلىق (شېئىر) - مۇھەممەتنىياز

دادام چىرايلىق
مۇھەممەتنىياز(چارەك)

كۆپ شائىرلار كۇيگە قاتتى ئانام چىرايلىق،
غەزەلخانلار مۇڭغا قوشتى نىگار چىرايلىق،
ئاتا دىگەن يۆلەنچۇكتۇر ئەڭ كاتتا بايلىق،
ئىرادىسى جەزبىدىن ئەل يۇرىت بوستانلىق،
ئائىلىمىزنىڭ قۇرغانى سەن دادام چىرايلىق.

سەن بولغاچقا ئائىلىدە ئۇزۇلمەس شاتلىق،
يېلىمسىز يەل-يىمىشلەر شىكەردەك تاتلىق،
مېھرلەردىن ئۇزۇقلىنىپ ئۆستۇق سۇمباتلىق،
چوقىيالماس تۇمشۇغلۇق سۇقماس قاناتلىق،
تاغلار كەبى قامەتلىك سەن دادام چىرايلىق.

ئىرىقلېرىڭ تىنىق ئەمەس باغنىڭ تىمى ساق،
ئاش ساقلىغان تاغارلاردا كۆرۇنمەس ياماق،
كاندۇكلارمۇ بوش قالمىغان  گۇلە ۋە ياڭاق،
بۇغدايلار باشاق تولغان غوزەكلەر سانجاق،
ئەۋلىيادەك بەركەتلىك سەن دادام چىرايلىق.

قولۇڭ تەككەن ھەر جايدىن ئىپار چاچىدۇ،
ئائىلىمىزگە بەخىت سائادەت لىباس ياپىدۇ،
ھەرتاڭ ساڭا پاك مۇھەببەت قۇچاق ئاچىدۇ،
ھۆرمەت- ئىززەت تەرىپلەشلەر ساڭا باقىدۇ،
ھەرقەدەمدە كۆيۇملۇك سەن دادام چىرايلىق.
     





205 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتنىياز(چارەك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 21:59:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-21 14:25:22 گۆھەر
بۇ شېئىر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەپسۇس دادام تۈگەپ كەتكەن…كۆڭلۈم يېرىم بوپقالدى،بارچە ھايات دادىلار ئامان بولسۇن،،،،دادىلىرىڭلانى بەك بەك قەدىرلەڭلا،،،،ئۇلار ئازابىنى تېشىغا ىقىرالمايدۇ،،،،ھالىغا يېتىڭلا 😢😢😢
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ