باھار - ​مەممەتجان باش كارۋان

  باھار

مەممەتجان باش كارۋان


ھەر باھاردا كېلەتتىڭ كاككۇك،
سايراشلىرىڭ يېقىملىق تاتلىق.
سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم،
شاتلىقىمغا قوشاتتى شاتلىق.

ئۆتتى كۈن ئۆتتى ئايلارمۇ ھەم،
كەلدى نەۋروزمۇ ئېلىپ باھارنى.
بىراق سەندىن ھېچ يوق خەۋەر،
ئاچچىق ئەلەم تىترىتەر جاھاننى.

كۆڭۈلگە زەپمۇ ياراشقان ئارزۇلار،
قىش ئۈششۈكىنى كۆرگەن بولدى.
بەخت ئىزلىگەن ئاشىق سائىلىنىڭ،
يۈرەگىمۇ ھەسرەت بىرلە  تولدى.

     





68 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 23:45:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ