تەنھا ياشاپ
ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )
يالغۇزلۇققا كۆنەلمىدىم تەنھا ياشاپ ،
بىر يارتېپىپ يۈرەلمىدىم تەنھا ياشاپ .
دىلرابانى سۆيەلمىدىم تەنھا ياشاپ،
يا ئېچىلىپ كۈلەلمىدىم تەنھا ياشاپ ،
سۆيگەن يارىم يېراقلاردىن سالام يوللىدى .
بارىمەن ،دەپ كەلمەي شۇيار مېنى گۆللىدى .
يالغۇزلۇققا كۆنمەي دېسەم ئامال بولمىدى ،
قاچان كېلەر بىلەلمىدىم تەنھا ياشاپ .
ساڭا تەشنە بۇ يۈرەكىم ئوت بولۇپ ياندى .
كەلمىگەچكە گۈزەل ھۆسنىڭ چۈش بولۇپ قالدى ،
سېغىنىشلار ئۆرتەپ دىلنى ئازاپقا سالدى ،
ھىجرانلاردا قالدى قەلبىم تەنھا ياشاپ .
تەنھا ياشاپ كەتتى تەننىڭ كۈچ قۇۋەتلىرى ،
كۈندىن-كۈنگە يېپىلدىغۇ ھايات بەتلرى .
يامان ئىكەن يالغۇزلۇقنىڭ قايغۇ دەرد لىرى ،
ئازاپلارغا كۆنەلمىدىم تەنھا ياشاپ .
دەرت ئەلەمگە ئاشنا بولۇپ ئۆتىۋاتمەن ،
كېچە كۈندۈز يوللۇرۇڭدا كۈتىۋاتمەن ،
سېنى ئويلاپ خىياللارغا پېتۋاتمەن ،
يار ۋەسلىگە يېتەلمىدىم تەنھا ياشاپ .
ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
2016..11..14
| 62 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 9:37:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|