ئاتا بايرىمىڭغا مۇبارەك

         ئاتا بايرىمىڭغا مۇبارەك
    دىلنۇر مەمەت 


 مەن بىر قىز - يۈرىكىدە نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرى بولغان ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشىۋاتقان ،نىشانلىرى ئېنىق بولغان ،شۇ نىشانلىرى ئۈچۈن ئالغا توختىماستىن ئىلگىرلەۋاتقان ...
  مەن ئاتامنىڭ مەلىكىسى -ئېڭەلەپ تۇغۇلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ قوينىدا ئەلەيلىنىپ ،باغرىدا ئەركىن نەپەسلىنىپ ،مېھرىگە تولغان شۇ بىر جۈپ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ ھايات سەپىرىمنى باشلىغان ...

  مەن ئاتامنىڭ قوزىسى -« ئىڭە » دېگەن شۇ ئاۋازىمدىن ، « بە بە » دېگەن شۇ تاتلىق تىللىرىمدىن ،《دادا》 دەپ ئوماق چاقىرىشلىرىمدىن ، ئۇ نېمە ؟ بۇ نېمە ؟ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنى قانداق قىلىمەن ؟ دېگەن سوئاللىرىمدىن زېرىكىش ھېس قىلمايدىغان شۇ ئاۋازىمنىڭ ، شۇ سوئاللىرىمنىڭ بۇلۇشىنى بەخت دەپ بىلىدىغان ئاتامنىڭ قوزىسىمەن ...
 مەن ئاتامنىڭ قىزى - ھەر قېتىم ئاتامنىڭ 《قىزىم》دەپ چاقىرىشلىرىدىن بەخت ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان يۈرۈكۈمنى ھېس قىلىمەن ...   ئاتامنىڭ قىزى سۈپىتىدە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمنى بۇ ئاددىي سۆزلىرىم ئارقىلىق ئىپادىلەشكە  ئاجىزلىق قىلىمەن ·
 بۈگۈن بايرام ، بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى ! بۈگۈن ئاتامنىڭ بايرىمى . بۈگۈنكى بايرام ئاتامغا مەنسۇپ بولغان بايرامدۇر ·چۈنكى ئۇ ئاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئاتىلىق مەجبۇررىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ قەلب تۆرۈمدە قەھرىمانلىق ئورنىنى ئالغان ئادەمدۇر ! « ئاتا » دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەربىر ئادەمنىڭ ئېسىگە قەددى-قامىتى تاغ كەبى تىك بولغان شۇ مېھرىبان ئاتىلىرى كېلىدۇ- ئەلۋەتتە . مېنىڭ ئاتاممۇ ئەنە شۇنداق تاغ كەبى تىك ياشىيالىغان ،ھاياتنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا ۋە ئەگرى -توقاي يوللىرىدا قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن تۇرمۇشىغا خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىپ مېنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدىغان بۈيۈك ئىنساندۇر .
 ئاتا بارلىق پەرزەتلەرنىڭ ئۈلگىسى ، بارلىق بالىلارنىڭ باش قەھرىمانى ،ئىپتىخارى ھەم شۇنداقلا ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر ·ئاتا بىزنىڭ سۇلتانىمىز ، ئائىلە تەختىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنسان ، ئاتا ئائىلە تۈۋرىكى ، ئاتا بىر ئائىلىنىڭ بىشى بۇلۇپلا قالماستىن ،ئائىلىنىڭ بىر جۈپ پۇتى ، جۈپ قانىتى ھەم قۇيرىقىدۇر ·باش پۈتۈن بەدەنگە قوماندانلىق قىلغىنىغا ئوخشاش ،ئاتا بىر ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىپلا قالماي ،يەنە ئائىلىنىڭ بىر جۈپ پۇتى ،جۈپ قانىتى ھەم قۇيرۇقلىق رولىنى ئويناپ ،بارلىق مۇھىم ئىشلانى ئارتقۇزىدىغان پىداكاردۇر .

 ئاتام مېنىڭ قەھرىمانىم -ھەرقانداق قېيىنچىلىقىنى ئىچىدە يۈتۈپ بارلىق جاپا مۇشەققەتلەرنى كۆتۈرۈپ، بىزنى ھېچقانداق قىيىنچىلىققا قالدۇرمىغان ،ئورمانلىققا ئوخشايدىغان بۇ دۇنياغا قانداق سېڭىپ كىرىشنى ئۆگەتكەن قورقماي يول ئېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىنساندۇر .
  ئاتام مېنىڭ شاتلىقىم - تۇنجى بۇلۇپ مېنى ئەڭ ئېگىز كۆتۈرگەن ،بوينىغا ئېلىپ مەن ئىنتىزار بولغان شۇ كۆرۈنۈشلەرگە مەن قېنىپ بولغۇچە بولغان ئارلىقتا ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا كۆتۈرگەن ئىنساندۇر .
  ئاتام مېنىڭ بايلىقىم - ھەر قېتىم  قىيىنچىلىققا يۇلۇققان ۋاقتىمدا قۇلۇمنى تۇتۇپ ماڭا يول كۆرسەتكەن ، ئۇ قېيىنچىلقلاردىن قانداق بۆسۈپ چىقىشنى قىلچە زېرىكمىگەن ئاساستا ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە كىتابتىن ئىبارەت بۇ دوستنى ئۆمۈرلۈك يولۇمغا سەپەرداش قىلىشنى ئۆگەتكەن ئىنساندۇر .
  ئاتام مېنىڭ ئىپتىخارىم - مەن تۇنجى قېتىم《 ئاتا 》دېگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ كەلگەنمەن   ھايات يولۇمدا ئاتامنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىمى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقتۇر . مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ،ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان ئىنساندۇر ·

 بۈگۈنكى ئاتىلار بايرىمى ئاتامغا ھەم بارلىق ئاتىلارغا يار بولسۇن ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ،كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ خوشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ·ھەمدە بۈگۈنكى ئەسلىمىگە ئىگە بۈگۈننى قەدىرلەپ بارلىق پەرزەتلەرنىڭ ئازىراق ۋاقتىنى چىقىرىپ ئاتىلىرىغا كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن  .
    توغراق يېشىدا ياشىغىن ئاتا  !
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






42 قېتىم كۆرۈلدى دىلنۇر مەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-17 22:37:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ