كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن
نۇربىيەسىدىق (پەرىشتە)قەلىمىدىن
تەنە گەپتىن ئوقيا ياساپ يۈرەككە ئاتقان،
يامانلىقنىڭ دەرياسىدا سۇ بولۇپ ئاققان،
بوينىغا ھەم «ھەسەتخور »دەپ ۋىۋىسكا ئاسقان،
دۈشمەنلىككە ئوت يېقىپ داغدام يول ئاچقان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن.
پۇلۇم بار دەپ كۆرەڭلەپ ھەددىدىن ئاشقان،
شۇ ۋەجىدىن خاتا يولغا قەدەمنى باسقان،
يۈرىكىدە «ئاچكۆز » ئاتلىق قۇرۇتنى باققان،
غورۇرى ھەم ۋىجدانىنى ئىتقا تالاتقان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن.
بىكار بولسا سېسىق ئاغزى يوق گەپنى تاپقان،
«غەيۋەت» دېگەن دېڭىزدا ھەم پۇرۇقلاپ تاشقان،
ھەممە ياخشى نام ئەمەلنى ئۆزىگە تارتقان،
بارچە يامان نام ئاتاققا بوينىچە پاتقان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن.
ياخشىلارنىڭ يولىغا ئۇ قويىدۇ قاپقان،
دەۋەت قىلسا ياخشىغا قاچقىنى قاچقان،
ھاياتىغا- ئۆمرىگە قوزۇقنى قاققان،
ئۆچمەنلىكنى نەيزە قىلسا توسالماس قالقان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن.
ئاق قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ يالغاننى ئېيتقان،
ئەل ئاۋامنىڭ نەرسىسىنى چاشقاندەك چاچقان،
يامانلارغا يان بېسىپ چاپاننى ياپقان،
غەلبە قىلسا ياخشىلار كۆرەلمەي ياتقان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن.
ئاجىزلارنى كۆرگەندە يىلاندەك چاققان،
زەھىرنى ھەممىگە چاچقىنى چاچقان،
«ئىنساپ» ئاتلىق گۆھەرنىمۇ نېسىگە ساتقان،
ھە جانابىي شەيتاننىڭمۇ كۆڭلىگە ياققان،
كۆردۈم شۇنداق ئادەملەرنى ھاياتىمدا مەن!
78 قېتىم كۆرۈلدى | parixtaaa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-15 8:57:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|