تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك ئانا - ئىرپان نەبى

مىليۇنلىغان ئىنساننىڭ مۇقەددەس سۆيگۈسى بىغىشلانغان ئاشۇ قەلىبلەر قەسىرىدە شۇنداق بىر ئىسم بولىدۇ، ئۇ ئىسىم ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكتە موقامىغا يەتكەن بولغاچقا، ھەردەم كىشىلەر تەرىپىدىن مەدىھەلەرگە، ماختاشلارغا، ئىسىل سۆزلەرگە نائىل بولغان ئانا دىگەن ئىسىمدۇر !  ئانا سىزمۇ مىنىڭ قەلبىمدە ئاشۇ ئانىلاردەك بارلىقىنى بارچىگە ئاتىيالايدىغان پىداكار ئانىلاردىندۇرسىز. تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !  ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە مۇستەھكەم ئىمان ، ساغلام تەن، ساپ ئەقىل تىلەيمەن!  تۆۋەندىكى شىئىىرىمنى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئاتايمەن:

 

تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك ئانا

 

- ئىرپان نەبى

 

 سالام دەپ يىللار كەپتۇ گۈللەر تۇتۇپ،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن.

 شىئىىر يازدى پىقىرمۇ كۆڭۈللەر ئۇتۇپ،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 كۆز ئاچتىڭ دۇنياغا، ئارزۇلىرىڭ بار،

 يەتمەككە نىشانىڭ مەنزىللىرىڭ بار .

 يەتكۈچە مەنزىلگە دۇئالىرىڭ بار،

تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 قاقشىما يىللاردىن قىرىتىدۇ دەپ،

ئۆمىلگەننى ئەتىسى يۈگۈرتىدۇ دەپ.

 مەن دەيمەن ياشاۋەر، ياشنىتىدۇ دەپ،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 ئانا دىگەن سىزدەك بولسا، سىزچە بولسا،

گەپ سۆزلىرى مۇلايىم ، قىزچە بولسا .

ئىش ھەركىتى ئەپلىك ھەم زىلچە بولسا،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 قورقمىغىن دۇنيانىڭ مۈشكۈللىرىدە،

 ھاياتنىڭ ئازاپلىق ئۆتكەللىرىدە .

ئوغلۇڭ بار قىش كەبى پەسىللىرىدە،

تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 ئۈگەتتىڭ سەن بىزگە ئادەم بولۇشنى ،

 ھاياتنىڭ يولىدا داۋان ئىشىشنى .

 ئاق نىمە؟ قارىچۇ؟ پەرىق ئىتىشنى ،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 سەن مىنىڭ گۈلزارىم، گۈلبىغىم ئانا،

 بىشىمدا گۈلتاجىم ، زىننىتىم ئانا .

 ئۆمۈرلۈك قەلبىمدە سۇلتانىم ئانا،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

ياشا ئانا، تىنىڭگە ساقلىق تىلەيمەن،

 تۆمۈردەك جىنىڭغا ئۆمۈر تىلەيمەن.

مەڭگۈگە تەبەسسۇم، كۈلكە تىلەيمەن،

 تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن .

 

 ئىيتماققا تەرىپىڭ بەك كۆپتۇر ئانا،

يازماققا قەلەملەر ئاجىز كىلىدۇ .

توختىتاي سۆزۈمنى كەچۈرگىن ئانا ،

 مىھنىتىڭ دىللاردا دەۋران سۈرىدۇ.

 

 2015.8.25 غۇلجا





267 قېتىم كۆرۈلدى erpan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-20 12:04:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ