غەمخانەڭدۇر ئايالىڭ


غەمخانەڭدۇر ئايالىڭ

 

 شېئىر

مۇساجان ئابدۇل،غولجا
==

www.yazghuqilar.com

 

چۆلنى بوستان قىلغانمۇ شۇ ئايالىڭ،

ئۆيۈڭنى گۇلخان ئەيلىگەنمۇ ئايالىڭ.

نىمە يەتسۇن بىرگە كۇلۈپ ئۆتكەنگە،

غەم باشىڭگە،غەمخانەڭدۇر ئايالىڭ.

تىلەك بولسا تىلەپ قويغۇن شۇنۇڭغا،

جاپا كەلسە ئاۋال بارغان ئايالىڭ.

ئىللىق ئۆيۈڭ ئىللىق چىراي يوقالماس،

ساڭا بەركەت بەرگەنمۇ شۇ ئايالىڭ.

دەرىت ئەيتىپ يىغلاشلارنى بىلمەيمەيدۇ،

سىنىڭسىز يا يالغۇزغىنە كۈلمەيدۇ.

 قىرىنداشنى سەنچە كەبى سۆيمەيدۇ،

ئۆلمەك بولساڭ ئۆلەرگە تەڭ ئايالىڭ.

سەندىن باشقا ئارزۇيى نە،سوراپ باق،

جىنى قۇربان ھەتتاكى جان سوراپ باق.

بارلىقى ھەم ساڭا تەغدىم سىناپ باق،

پەرىزاتنىڭ پەرىسىدۇر ئايالىڭ.

سوقا سۆرەپ سەن بىلەن تەڭ ئېتىزدا،

خۇش كۆڭلىدۇر قالسىمۇ ھەم گۈگۈمدا.

مىننىتى يوق بەزلەپ سىنى يوقسۇزدا،

جاپالاردىن راھەت بەرگەن ئايالىڭ.

جىنى جۇدا گاھى ئىغىر تۇغۇتتۇن،

ياش تۆكسىمۇ كۇلۈپ قارار يوپۇقتۇن.

قۇتۇلغانتى قاچان دىلى سۇنۇقتۇن،

سەن ئۈچۈنلا بىچارىدۇ ئايالىڭ.

خامان سورۇپ بۇغدايلارنى چەش ئەتكەن،

يالغۇز قويماي سەن بىلەن تەڭ كەش ئەتكەن.

بىرنى بەرسەڭ ئەجىر قىلىپ بەش ئەتكەن.

خىزىرلارنىڭ ئۆزىدۇر ئۇ ئايالىڭ.

ئازاپتىن نەي، نىمە بەردىڭ ئۇنۇڭغا،

يوق دىسەڭمۇ كۆنۈپ كەتتى شۇنۇڭغا.

شۈكۈر ئەيتىپ باسالمىدىڭ باغرىڭغا،

قەرىزمىتى بۇ ئۆمرىدە ئايالىڭ.

ئەركەك بولساڭ تونۇرغا چۈش نان يىقىپ،

تاماق ئىتىپ ئېتىزدا ھەم دۈم يىتىپ.

بالا ئۈچۈن تۈننى قىلغىن تاڭ ئىتىپ.

زادى راھەت كۆرگەنمۇ بىل،ئايالىڭ.

ئاپتۇر:مۇساجان ئابدۇل،غولجا

1822643898:ئۈندىدارى

2015 يىلى 9 ئاينىڭ 3 كۇنى





187 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-23 21:02:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ