"بەخىت تىلەيمەن "
ئاپتۇرى : ئالمىرە ياقۇپ
مۇھەببەت يولىدا تاپقان جۈپتىڭىز ،
خار بولۇپ قالمىسۇن ياتلار قولىدا .
سۈيۈڭ ھەم سۈيۈلۈڭ ئەي قىرىندىشىم ،
سىزگە مەن يۈرەكتىن بەخىت تىلەيمەن .
ئاللاھىم ئۇچراتتى سىزگە بىر قىزنى ،
قەدىرلەڭ ، كۈيۈنۈڭ ، مىھىرلەر بىرىڭ .
خۇمالىق كۆزلىرى ياشقا تولمىسۇن ،
سىزگە مەن يۈرەكتىن بەخىت تىلەيمەن .
مۇھەببەت يولىدا ئۇچراتقان يىگىت ،
ئائىلە تۇرمۇشنىڭ بەخىت تۈۋرۈكى .
ھۆرمەتلەپ چوڭ بىلىڭ سۈيۈملۈك قىزچاق ،
سىزگە مەن يۈرەكتىن بەخىت تىلەيمەن .
چوڭلارنىڭ ئالدىدا نىكاھلار ئوقۇپ ،
ئائىلە قۇرۇشقا ئۈمۈتلەر باغلاڭ .
يامانلار نەزەر سالمىسۇن سىزگە ،
سىزگە مەن يۈرەكتىن بەخىت تىلەيمەن .
يىگىتلەر كەلگۈسى دادىلار ئىزى ،
قىزلارمۇ كەلگۈسى ئانىلار ئىزى .
يىڭى بىر ھاياتلىق بەخىت سوۋغىسى ،
سىزگە مەن يۈرەكتىن بەخىت تىلەيمەن .
| 153 قېتىم كۆرۈلدى | AlMeRa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-7 6:47:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|