ئوقۇتقۇچى بولساڭ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
مېھىرلىك بول،ئىللىق بول،
بېغىشلىغىن ئۆزۈڭنى،
مۇلايىم بول،قىزغىن بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
سەمىمىي بول،راستچىل بول،
ئەجىر قىلىپ،تەر تۆكۈپ،
باشلامچى بول،ئۆلگە بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
تەلەپچان بول،قاتتىق بول،
ئادا قىلىپ بۇرچۇڭنى،
شان-شەرەپلەر ئۇچقان بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
يورۇق شام بول،گۈلخان بول،
دىللىرىنى يورۇتۇپ،
گۈل-دەستىلەر تىزغان بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
قوپال بولماي،ئىلمىي بول،
پەرۋىشلىگىن ئەۋلادنى،
زېرىكمىگىن،سىجىل بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
مۇلايىم بول،سىلىق بول،
ئۇچۇپ كىرىپ قەلبىگە،
دەستە-دەستە گۈللەر بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
ئەل قەلبىگە مايىل بول.
ئىش ئورنىڭنى قەدىرلەپ،
مۇنبەرلەردە قالتىس بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
دوختۇر بولغىن،پىسخىك بول،
تەڭشەپ رېتسىپ دورىنى،
قەلبلەردە مېھمان بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
كۈيچى بولغىن،مۇڭچى بول،
سەھنىلەردە گۈل قىسىپ،
ھۆرمەتلەرگە نائىل بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
شاملار بولغىن،نۇر بولغىن،
كائىناتنى يورۇتۇپ،
يورغا ئاتتەك دۇل-دۇل بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
رولچى بولغىن،ماھىر بول،
بالىلارنى سايرىتىپ،
مۇنبەرلەردە ئۇستاز بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
دۇرۇس بولغىن،تۈزۈك بول،
شۇئارلارنى توۋلىماي،
ئىش ئورنۇڭنى سۆيگەن بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
قۇياش بولغىن،ئاي بولغىن،
ئاق-قارىنى تونۇتۇپ،
لاچىن بولغىن،توز بولغىن.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
كور بولمىغىن،يول بولغىن،
پىتنە-پاسات ئويلىماي،
دۇرۇس بولغىن،پاك بولغىن.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
بىر كۈن ئۆتتى دېمىگىن،
مۇئاش ئۈچۈن ئشلىمەي،
ئەل غېمىدە فونتان بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
دەريا بولغىن،دىڭىز بول،
قەلبلەرنى سۇغۇرۇپ،
تۈگىمەيدىغان بۇلاق بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
تۈلكە بولماي،يولۋاس بول،
ئەۋلاتلارغا يول ئېچىپ،
ئازمايدىغان كومپاس بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
ھورۇن بولماي،ئىشچان بول،
بۇلبۇل كەبى خۇش سايراپ،
نۇر چاچارغا قۇياش بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
كىتاپ بولغىن،سىياھ بول،
ھەممە ئوخشاش بالاڭدۇر،
سۈكۈت قىلماي،بۈركۈت بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
ھارمايدىغان شۇڭقار بول،
رازى قىلىپ خەلقنى،
ئەل قەلبىگە مايىل بول.
ئوقۇتقۇچى بولساڭ...
يول مارىماي،گۈل تىككىن،
تەربىيلىگىن بالاڭنى،
ئىزلىرىڭدىن گۈل ئۈنسۇن.
143 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-23 5:51:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|