تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر
ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
باشلاپ كەلدىڭمۇ زىمىستاننى؟
قۇرۇتماي تۇرۇپ يوپۇرماقنى ،
ئاخىرلاشسۇن دېدىڭمۇ كۈزنى ؟
تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر .
بەزىلەر دېدىكى سېنى قار ،
تېخى زېمىندىن كەتمىگەن ياز ،
بالدۇر كېلىپ كۆرسەتتىڭ ئاق قار،
تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر .
ھەش پەش دېگۈچە كەتتىمۇ كۈز ؟
تەبىئەت ،كۈز ئەمەسمىدى ئۆز ؟
بەزىلەرنىڭ ياشلىدىڭغۇ كۆز ،
تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر .
دېھقاننىڭ قونىقى ئېتىزدا ،
قالدى قار ئارلاشقان يامغۇردا ،
دېھقاننىڭ دىلى ئاغىردىغۇ ،
تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر.
زىياننى بەردىڭ سەن بىلدىڭمۇ ؟
دېھقانغا ھەسسىلەپ زىيانغۇ ؟
نە ئۈچۈن بالدۇرلا كەلدىڭ سەن ؟
تۇنجى ياغقان قار ئارلاش يامغۇر .
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
| 63 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-26 16:41:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|