ئويغىتىپ قوي يىنىڭدىكى دوستۇڭنى
ئاپتورى : ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
ئۇخلاپ قالسا دەرسلەردە ئۇشتۇمتۇت ،
ئويغىتىپ قوي يىنىڭدىكى دوستۇڭنى .
بىللە ماڭغىن ھالاۋەتتە جاپادا ،
قولۇڭ سۇنغىن قاچۇرمىغىن قولۇڭنى .
دەرس دىمەك تەرەققىيات ھەم بىلمەك ،
ئۇخلىغانلىق ئۇ غەپلەتتىن بىشارەت .
قەدېرلىمەي قىلىپ بىزەپ ۋاقىتنى ،
قاچان تۈگەر بىزدىكى بۇ ئاسارەت …؟
قارا ئۆتمۈش قانداق ئىدى بۇ كۈندىن ،
قالاق ئىدى تەل ئەمەستى ھەممىسى .
مائارىپنى قوللىغانلار تۇتۇلۇپ ،
ئەۋج ئالغان شەيتانلارنىڭ نەغمىسى .
ئەمدى قارا ، بۈگۈنىڭگە ئالدىڭغا ،
قورسۇقۇڭ توق ئاسايىشلىق بۇ زامان .
ھەممە تەييار سەندە يەنە نىمە كەم ؟!
تۇرسا جاھان گويا ئىچىل داستىخان .
ل مۇتەللىپ خالىق كەتتى تەۋپىقمۇ ،
بىزلەر ئۈچۈن كېچىپ ئىسسق جىنىدىن .
ياساپ بىزچۈن مەرىپەتنىڭ بېغىنى ،
ئەتىرگۈللەر سۇنغان بىزگە قېنىدىن .
ۋىجدان بولسا ئويلىنايلى ئويلۇنۇڭ ،
ئەي ساۋاقداش ئۇيقۇدىكى قىرىنداش .
تاڭمۇ ئاتتى ئۆگۈنەيلى ئۆگۈنەي ،
ئامانەتتۇر بىزگە ئىسسق جان ھەم باش .
2017.يىلى 23.فىۋرال كۈيتۈن
| 26 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-24 5:55:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|