ئ‍امان بولغىن جان دادام (ئ‍وتقاش)

ئ‍امان بولغىن جان دادام

 

ئ‍ابلىكىم غوپۇر ئ‍وتقاش

 

 بۇ دۇنيالىق سۇلتانىمسەن جان دادام،

 دەرتلىرىمگە غەمخانىمسەن جان دادام.

سەنلا بولساڭ نۇر تۆكۈلەر يۈزۈمدىن،

 ئ‍امان بولغىن، ئ‍ارمانىمسەن جان دادام.

 

 سەن بولمىساڭ يىگەنلىرىم ئ‍اش ئ‍ەمەسكەن،

سەن بولمىساڭ كۆرگەنلىرىم كۈن ئ‍ەمەسكەن.

 سەنسىز كۈلگەن كۈلكەممۇ ھەم راس ئ‍ەمەسكەن،

 ھەر جايدا بول ئ‍امان بولغىن جان دادام.

 

 كەپتەر بۇلۇپ ئ‍اغزىدا دان توشۇپ باققان،

ئ‍وتتا كۆيۈپ سۇلىرىمدا سەل بۇلۇپ ئ‍اققان،

قەھرىتاندا تۈنلىرىمگەن ئ‍وت-گۈلخان ياققان،

 جېنىم دادام،خىزىر دادام ئ‍امان بولغىن.

 

 دادام…دادام … سۇلتانىم دادام،

 دادام…دادام … غەمخانىم دادام،

دادام…دادام … ئ‍ارمانىم دادام،

 دادام…دادام … سەن خانىم دادام،

 

( 2015-يىل 4-ئ‍اي 11-كۈن )مارالبېشى

ئ‍اپتۇر:مارالبېشى ناھىيلىك زەچەر چەكلەش ئ‍ەترىتىدە





199 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 17:03:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ