شامال ۋە كۆڭۈل ياپرىقى
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىر
نەسىر
- سېنىڭ يەلپۈشلىرىڭ تۇيغۇنلىرىمنى ئويغاتتى ، غۇيۇلدىتىپ چىققان ئاۋازىڭ جىياللىرىمنى بەربات قىلدى ! --- دېدى كۆڭۈل ياپراقلىرىم قەلىپ شاماللىرىمغا .
- سەن ئازاپنىڭ زەئىپ قۇلى ، خىيالنىڭ ئىسكەنجىسى ، ئەزگۈلەر تىندۈرمىسى ، لاتقىلار توپلانمىسى ، ئىيتقىنا سەن زادى قانداق قەلىپ ؟ --- دېدى غەزەپ بىلەن .
قەلىپ شاماللىرىم شۇنداق دەپلا ئۆتۈپ كەتتى .
باھار كەلدى ، بۇ قىتىممۇ يەنە شۇنداق غەزەپ بىلەن سۆزلەپ ، لېكىن بۇ قىتم ئىلگىركىدەك سىلكىنمىدىم ، بىرخىل ئىللىق سىزىم .
ۋاقىت ئۆتۈپ ھەممە يەر ئالتۇندىن لىباس كىيگەندە ئۇ يەنە كەلدى . بۇ قىتىم ئۇنىڭ شىۋىرغان ھىسلىرى مېنى قەلىپ ياپراقلىرىمدىن ئايرىدى . ياپراقلىرىم قەلىپ شاماللىرىمنىڭ يىنىك تەۋرىتىشى بىلەن ئاستا - ئاستا سازلىقتىكى لاتقىلار ئارسىدىن قارار ئالدى .
قىشنىڭ شىۋىرغان ئارلاشقان ئارلاش ھاۋاسى بىلەن يەنە شاماللارنى ياپراقسىز تىنىم بىلەن قارشى ئالدىم . بۇ قىتىم ئۇ ئۈنسىزلا ئۆتۈپ كەتتى ، لەرزان ئىرغىتىپ ئەمەس ، تىنىمنى شۈركەندۈرۈپ .
يەنە كىيىنكى باھارنى ئىللىق ھىدلار بىلەن ھىدلاپ يىڭى بىخلانغان ياپراقلىرىمغا ئىما قىلىپ تۇراتتىم شامال يەنە يىتىپ كەلدى ، بۇ قىتىم ئۇ ئىللىق بىر ھىدلار بىلەن مېنى مەسخۇش قىلىپ يىڭى ياپراق بىخلىرىمغا رەڭدار كىپىنەكلەرنى ساھىپ قىلىپ كېتىپ قالدى .
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ، چۈشتىن بۇرۇن ، ئۈرۈمچى
| 124 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-22 11:58:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|