سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
تەلۋىلىكنىڭ ئىزىدىن يىنىپ ،
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
خىلۋەتلەردە چاپسوز ياڭرىتىپ ،
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
مەيلى قانچە جاپا تارتساممۇ ،
مۈرەمگە لاي -تۇپا ئارتساممۇ .
كۇچىلاردا يايما ساتساممۇ ،
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
پاك مۇھەببەت جاپادا گۈزەل ،
شۇ جاپانى ، بەرگىنە ئەۋەل ؟!
بولمىسىمۇ ھاھ ! تۇققۇزۇم تەل ...
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
قوبۇل ئەتسەڭ كۈڭلۈمنى مۇباد ،
مەن ياشايمەن قارچۇقۇڭدا شاد .
ئىچىنمامدىم يايرىڭ بولسا يات ؟
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
سەن گۈزەلەر ، گۈزىلى سەن -سەن !
سەن رۇكنابات كەۋسىرى سەن-سەن !
سەن بەختىمنىڭ تۇلپىرى سەن -سەن!
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
تەڭشەلمەستە رەھىمسىز كۈن - تۈن ،
ئۈزۈلمەستە تۇرخۇندىن تۈتۈن.
بىر دەم ئەمەس ، مەڭگۈللۈك ئۈچۈن ،
سېنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغۇم بار !
ئىزاھات : چاپسۇز - تاجىكچە مەشھۇر مۇزىكا نامى
| 63 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-4 16:14:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|