قارا ھىجران
سەيپىدىن ئامۇت
قاپقاراڭغۇ قارا ھېسقا تولغان ئەلۋەتتە،
يولۇققانلار كىملا بولسۇن ئۇچرار زەخمەتكە.
كىملەردۇر بار ئۆز ئىچىدىن ئىستەر ئىستىدات،
ھەر-نەپەستىن سەبرۇ-سالام تۆكەربەس ھەقكە.
تەرلەيدىغان تالايلار بار بىراۋ تونىدا،
جان باقىدۇ قۇۋلۇق ئارا ئاش-تائامىدا.
ۋىجدان شارابىن ئىچىشكەن قەدەكتەلىق-لىق،
«كۆپ» ھاياتتىن ئۆتتى،ھازىر«ئاز»دۇر جاھاندا.
«قارا ھىجران»دا ئادەمسىزكوچىلارسەرسان،
گۈل-چېچەكلەرسۇلغۇن شۇنچەباغلارمۇپايخان.
ئالا-جۇقا پىچىرلاشلار يەيدۇ قۇلاقنى،
دوخمۇچلارداقەدەمدە بىر مۇقەددەس مەيخان.
پۇت تىپىشمەك قوللار رەزىل ياقىلار يىرتىق،
مۇدھىش ئارا قېرىنداشلىق دەملىرى سىقىق.
مۇھەببەتكە تولغان ھايات نەدە خىرامان؟
بىر-بىرىنى غاجاپ يەيدۇ ئادەمسزلەر جىق.
تاھىر رولى ئېلىنماقتا بەزمە ئىشرەتتە،
زۆھرە رولى نايناقشىيدۇ يالىڭاچ بەستە.
قىستا-قىستاڭ ئازغۇن شەھەر زەئىپلەرپەۋەس،
يېشىل-ۋادا شەرمى-ھايا قاپتۇ ئۆتمۈشتە.
مەپتۇن قىلدى كۆزى ئاچنى مال-دۇنيائابرۇي،
كاتتا نامنى ئارمان قىلار ھەر-جايدا بۇ كوي.
ئەۋج ئالدى ئەسەبىيچە نەپسىلەر ئۆكتە،
تۇپراق نەسلى يۈز ئۆرىدى تاپتى باشقاخۇي.
يولۇچىمەن كېتىۋاتقان ئاخىرقى يەرگە،
شىۋاقلانغان ئارماندۇرمەن مۇپتىلا دەرتكە.
ئىچىمدىكى قىينىلىشلار ئەزگەن ئىچىنى،
ئايلانغۇم بار كۆكرەك كېرىپ مەردانە مەرتكە.
2016.25 فېۋرال
89 قېتىم كۆرۈلدى | سەيپىدىن ئامۇت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-28 14:00:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|