كېچەرمەنمۇ نەسلىمدىن

كېچەرمەنمۇ نەسلىمدىن

 

 مۇھەممەتجان ئ‍ابلىمىت

 

 كۆردۈم بىر رەت، قىلدى رام ھۆسنىڭ مېنى ئۆزۈڭگە ،

 توختاپ يۈرەك سوقۇشتىن، شۇئان كەتتىم ئ‍ەقلىمدىن .

 شەيدا بولدۇم ئ‍ەي جانان ،شىرىن تاتلىق سۆزۈڭگە ،

 سۆز ئ‍اچقىلى بولمايدۇ ،ئ‍ەمدى مېنىڭ ئ‍ەپتىمدىن .

 

 ئ‍اي چۈشتىمۇ زىمىنغا ، گويا ئ‍ۆزۈڭ پەرىشتە ،

 چۈشۈممۇ بۇ ئ‍وڭۇممۇ ، مەنمۇ ياكى ئ‍ەرشتە .

 ھۆسىن بەرگەن ساڭا كىم ؟ ئ‍ەجىر قىلىپ پەرۋىشتە ،

 بولۇپ قالدىم ئ‍ەجەپمۇ، ئ‍ايرىلغاندەك ئ‍ەقلىمدىن .

 

 سۆيگۈ ئ‍وقى ئ‍ېتىلدى، داۋا يوقتۇر دەرمانغا ،

ئ‍شىق ئ‍وتى ۋەجىدىن ،قالدىم دەرت ۋە ھېجراندا .

 كۆيۈپ پىشتىم سەن ئۈچۈن ،يىتەلىسەم ئ‍ارمانغا ،

 رازى ئىدىم ئ‍ايرىلسام ،بارچە دۇنيا ۋەسلىمدىن .

 

سۆيگۈ ھېجران ئوتلىرى ،يالقۇنلايدۇ كۆزۈمدىن،

 دەرت پىغانىم ئ‍ۆرلىسە كېچىپ كەتتىم ئ‍ۆزۈمدىن .

 سۆيگۈ دەردى يامانمۇ، ئ‍ازدىم دائىم سۆزۈمدىن ،

 ئايرىۋەتتى بۇ سۆيگۈ، غەمسىز باھار پەسلىمدىن .

 

 ئ‍ىسكەنجىسى سۆيگۈنىڭ، بەلكى قىلماس مېنى ھۆر ،

 ساپ مۇھەببەت ئوتلىرى ،شۇنچە كۈچلۈك كېلىپ كۆر.

 ناۋادا سەن ئ‍ەسلىدىن، بولۇپ قالساڭ زاتى ھۆر ،

 خائىن بولۇپ ئۆزۈمگە كېچەرمەنمۇ نەسلىمدىن.

 

 2015-يىل 7-ئ‍اي





135 قېتىم كۆرۈلدى 13779696962 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-27 13:17:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-30 11:30:21 مەخمۇت يۇنۇس پتۇ
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ