گۇناھىم نىمە - تۇنساگۇل

گۇناھىم نىمە 

 تۇنساگۇل


كىرمە دېدىڭ چۈشلىرىمگە سەن،
باقما دېدىڭ كۆزلىرىمگە سەن.
كەلمە دېدىڭ يانلىرىمغا سەن،
ئيتېقىن جېىنىم گۇناھىم نىمە؟

ئۇنۇت دېدىڭ يۈرگەن باغلارنى،
ۋەدىلەشكەن گۈزەل چاغلارنى.
كۆزۈم تۆكتى شۇڭا ياشلارنى،
ئىېيتقىن جېنىم گۈناھىم نىمە؟

بەرگەن سۆيگۈڭ ساختىمۇ ياكى,
شاختىن -شاققا قوندۇڭمۇ ياكى.
ئۆزگە گۈلنى ئۈزدۈڭمۇ ياكى،
ئېيتقىن جېنىم گۈناھىم نىمە؟

ئاخىرلاشسۇن قەدىمىڭ دىدىڭ،
تۈگەپ كەتسۇن سۆزلىرىڭ دېدىڭ .
ئامان بولغىن مەڭگۈگە دېدىڭ،
ئېيتقىن جېنىم گۈناھىم نىمە؟
     





37 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 16:24:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ