دوسلۇق (شىئىر)
رىزۋانگۈل ئوماق مەلىكە
دوسىتلۇقتۇر ھاياتلىقنىڭ ئۇلى ئاساسى ،
دوسىتلارسىز تىك تۇرماس ئۆمۇر بىناسى .
مۇشكۇللەر بولمايدۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ،
بولمىسا دوسىتلارنىڭ مىھرى ۋاپاسى .
بەختلىك قىلالماس ئىنساننى بايلىق ،
دوسىتلارسىز بايلىقنىڭ قىممىتى چاغلىق .
ۋاپادار دوسىتىڭنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ،
ئالتۇندىن قىممەت بىل ئويلىما ئايلىق .
خۇشپۇراق چاچار دوستىلقنىڭ گۇلى ،
ئۆم ئىناق ھاياتنىڭ مەھكەمدۇر ئۇلى .
رەڭگارەڭ گۇللەر ئىچىلغان باغدا ،
ئۆكسىمەي سايرىغان تاڭنىڭ بۇلبۇلى .
دوستۇم بولساڭ تىكلىگىن غايە ،
ئۆتمىسۇن ئۆمرۇڭ بىر سايە .
دەۋرىمىز كۆرسەتتى ئۇلۇغۋار نىشان ،
ئەجىر قىل ياشلىقىڭ كەتمىسۇن زايە.
شىئىرغا قارىتا پىكىر تەكلىپ تەلىم تەربىيە بىرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن
ئاپتۇرى ئوماق مەلىكە
چ چ 2257222329
| 109 قېتىم كۆرۈلدى | 2971771331 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-5 5:06:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|