تاشلىما (ناخشا تېكىستى) - مەمەتجان سەمەت

 تاشلىما
ناخشا تېكىستى
مەمەتجان سەمەت

باشقا يارغا قانات سۆرەپ مېنىڭدىن كېچىپ،
غەمسىز ئۆتكەن ئارامىمنى بۇزۇپ تاشلىما.
ۋاپا  قىلماي ماڭا بەرگەن  ئاشۇ  ۋەدەڭگە،
لەختە قىلىپ ئىچ باغرىمنى يېرىپ تاشلىما.  

ساختا  سۆيگۈ قاينىمىغا  مېنى  چۆكتۈرۈپ،
ئايرىلىشنىڭ  دەرتلىرىنى  جاندىن ئۆتكۈزۈپ.
ئازار بىرىپ بۇ كۆڭلۈمگە ياشلار تۆككۈزۈپ،
تاغدەك  ئېغىر  ئازابلارنى  سېلىپ   تاشلىما.

ساڭا   كۆيگەن  گۈناھىمغا  قويۇپ  بالادا،
پەرۋايىڭ يوق ئويناپ كۈلۈپ  يۈرۈپ تالادا.
پەيلى يامان شەيتانلارنىڭ چۈشۈپ دامىغا،
كېتىپ   باشقا  جانانلارنى  تېپىپ  تاشلىما.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى :  308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ
     





200 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-8 19:47:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ