مەيلى قانداق ياشساڭ
ئەكبەر
بىر دادا بار ھەر كۈنى ئۇغۇل ئۈچۈن ھەسرەتتە ،
لىكىن ئۇغۇل خەۋەرسىز كۈندە ئوينار غەپلەتتە،
مۇشۇنداقلا ياشساڭمۇ ئۆتدۈ كۈن ئەلۋەتتە ،
چوڭ بولغۇچە تۇيمايسەن بىلىنمەيدۇ دەسلەپتە ،
رازى قىلغىن داداڭنى مەيلى قانداق ياشىساڭ .
بىر ئانا بار قىز ئۈچۈن ھەر كۈن ئارزۇ ئۈمۈد تە ،
قىز يۈرۈيدۈ شاپاشلاپ كۈندە خۇشال بەزمىدە ،
ئاننىڭ كۈزى ياشلاندى تۇرۇپ قالدى سۈكۈتتە ،
گاھ يىغلىساڭ ئەللەيلەپ باققان سىنى بۈشۈكتە ،
ياخشى ئويلان ئەي قىزچاق!مەيلى قانداق ياشىساڭ.
كۈن ئاي ئۆتۈپ ياشلىقىڭ ئۆتمۈشۈڭگەئايلاندى ،
چوڭ بولغانچە غەم تارتىپ كۈزۈڭ ياشقا باغلاندى،
بەخىت تاپساڭ خوش بۇلۇپ غەمدە قالساڭ ياشلاندى ،
ياشاش غېمڭ ئۈزۈڭنىڭ ئاتا ئاناڭ تاشلاندى ،
يوقلاپ تۇرغىن ئۇلارنى! مەيلى قانداق ياشىساڭ .
ئاتا-ئاناڭ قوللىدى قىينالماستىن يول تاپتىڭ،
يۈلدى ھەم قىرىنداش جاپاسىزلا پۇل تاپتىڭ،
ئاتا-ئاناڭ قېرىنداشتىن ئۇزاق ئۆتمەي ۋاز كەچتىڭ ،
نەسھەت قىلسا ئاڭلىماي قۇسۇرئىزدەپ گەپ تاپتىڭ ،
ياراشمىدى يۈزسىزلىك! مەيلى قانداق ياشىساڭ.
91 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 1:24:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-3 18:09:01 | Yamgur |
Yahxi qikiptu tehimu tirxig |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|