سەن مەن ئۈچۈن توزىماس غۇنچە

سەن مەن ئۈچۈن توزىماس غۇنچە

 

ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى

 

 خىيالدا سەن كۈن ئۆتەر تەستە،

 كۆپ تىرىشتىم يەنە سەن ئەستە.

كىرىۋالدىڭ چۈشۈمگە ھەر تاڭ،

 يا قالدىمۇ بۇ جېنىم قەستە؟

 

 يار بېغىڭدا قۇشلار بەس ـ بەستە،

شايرىشامدۇ كۈندۈزۇ ـ كەچتە؟

 سەن بۇ سەۋەپ شادىمان بۇلۇپ،

 ۋاقتىڭ يوقمۇ مىنى ئەسلەشكە؟

 

 سەن ئۇلارنى تىزىپ باق رەتكە،

 قايسى بۇلبۇل، قايسى قۇزغۇنكە.

 ھەر قاچانكى سەگەك ياشىغىن،

 بەلكىم تەييار سىنى قەسلەشكە.

 

 جانان سىنى سۆيەي مەجنۇنچە،

سۆيمسىەڭمۇ بوپتۇ مەيلىڭچە،

 تا ئەبەتكە ئۇنۇتما ئوماق،

 سەن مەن ئۈچۈن توزىماس غۇنچە.

 

 قەلەم





231 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-29 4:08:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ