بىۋاپا يار
رەيھانگۈل ئەھەت(كورلا)
بىلمەي قالدىم خىياللىرىڭنى ،
كۆڭلۈڭ سەزمەس سىغىنغىنىمنى .
بۇ مۇھەببەت قىينايدۇ مىنى ،
يوشۇرمىغىن كۆڭۈل سىرىڭنى .
يۈرەگىمنى ئالدىڭ سەن يۇلۇپ،
سالغان ئىدىم يۈرەككە قۇلۇپ.
رۇخسەتسىزلا كىردىڭ قەلبىمگە،
سەن بىراۋنىڭ سۆيگۈنى تۇرۇپ .
قۇلاق سالماس كۆڭلۈم بۇيرۇققا،
ياش تۆكەرمەن پىنھاندا يالغۇز.
كۈتەر ئىدىم سەندىن مۇھەببەت ،
زەينەپ كەبى يۈردۈم مەن يالغۇز .
سۆيدۈم دىدىڭ ئىشەندىم ساڭا،
ئىختىيارسىز شەرتلەرگە كۆندۈم.
كەلمەس بولدى سەندىن ھىچ ئۇچۇر ،
ۋاز كەچمىدىم بىر سىنى سۆيدۈم .
يۈرەكلەرىم بولدى مىڭ پارە،
بۇ ئازاپقا بولمىدى چارە.
ئاخىر دىدىم ئۆزۈمگە ئاستا ،
قىلما ئەمدى يۈرەكنى يارە.
خەيىر دەيمەن ئەمدى ئۆتمۈشكە ،
ئالدانمايمەن ساختا سۆزۈڭگە .
كۆڭۈل بەرسەم ئالدىدىڭ مىنى،
تەشنا ئىدىم سىنىڭ سۆيگۈڭگە.
كەتكىن ئەمدى قەلبىمدىن سەنمۇ،
كەلمەيدىكەن سەندىن ساداقەت .
بىۋاپا يار كۈتمەيمەن سىنى،
مەڭگۈ گۈزەل بىلسەڭ مۇھەببەت .
| 119 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل ئەھەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-25 22:03:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|