دىيەلەمسەن مەن ئەمەس
دىيەلەمسەن مەن ئەمەس

 يۈسۈپ ئەخمەت(باشلامچى)  

ھاراق ئىچىپ كوچىلاردامەس يۈرگەن،
 چىدىماستىن بىراۋلارغا يەڭ تۈرگەن. ئاتا ـ
ئانا دوسلىرىغا مۇش بەرگەن،
قېنى ئېيتە دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.  

خوتۇن تۇرۇپ ئاشنا ئويناپ ھارمىغان،
 يامان يولدىن خۇدا ھەققى قالمىغان.
 يامانلىقى ئىنسان ئالدىدا چانمىغان،
قېنى ئيتە دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.

 مىللتىڭگە ئۈنسىز تۆھپە بەرمىگەن،
 تارىخ بېتىنى ھېچ ۋاراقلاپ كۆرمىگەن. 
ئالىم بىلەن مەجلىسلەردە يۈرمىگەن،
يۈرەكىڭدىن دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.

 سۈيقەسىت قىلىپ ياخشىلارغا ياماننى، 
شېرىك قىلىپ ھەر ئىشىغا شەيتاننى. 
ئىنسان تۇرۇپ كۆزگە ئىلماي ئىنساننى،
 يۈرگەن نادان دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.

 ئۈندىدار 2067186198




124 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 20:45:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-2 13:07:45 ئارزۇ
بەك ياخشى يئزپسز.
2015-10-2 13:07:44 ئارزۇ
بەك ياخشى يئزپسز.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ