«ئۈچ خىل كۈچ» تىن شىكايەت

         «ئۈچ خىل كۈچ» تىن شىكايەت

(راۋاپ قوشىقى)

مۇھەممەدتوختى سەببەت
 
سۆزلەپ بېرەي خالايىق،
ئۈچ خىل كۈچتىن شىكايەت.
بۇ ئەمەستۇر ھەرگىزمۇ،
ئۆتمۈشتىكى ھېكايەت.
 
خەلقىم ئىجىل ئىناقتى،
غەم قايغۇدىن يىراقتى،
چېھرى ئاي،كۈن-چىراقتى،
تەنلەر ئىدى سالامەت . 
 
خوشال-خورام پۇل تېپىپ،
كەڭرى داغدام يول تېپىپ،
ھاللىنىشقا ئۇل تېپىپ،
ئالغان ئىدۇق دارامەت.
 
ياشلار ئوقۇش-يېزىشقا،
كۆپلەپ بىلىم ئېلىشقا،
يۇرتنى بوستان قىلىشقا،
بەل باغلىغان ئالامەت.
 
يوقتى بىزدە نىزالار،
پىتنىخور-يۇرت بۇزارلار،
كەلدىن نەدىن ئازارلار،
بىلەلمىدۇق نىھايەت.
 
ئىدى ياشلار شاش-تېمەن،
قىزچاقلارمۇ ئۇز-لېۋەن،
ئەمدى بىزدە كۆپ ئىۋەن،
ياغدى كۆپلەپ ئاھانەت.
 
سىلاپ يىتىم بېشىنى،
سۈرتەر ئىدى يېشىنى،
ئاجىزلارنىڭ ئىشىنى-
قىلىش ئىدى بىر ئادەت.
 
مېھرى شەپقەت كۆپ ئىدى،
يۇرتۇم ئىناق-تېنچ ئىدى،
خەلقىم قەلبى پېچ ئىدى،
ئۈزۈلمەيتتى ساخاۋەت.
 
پىدا قىلىپ جان-تەننى،
سۆيۈپ ئۇلۇغ ۋەتەننى،
گۈللەتكەنتۇق خوتەننى،
تېپىپ ئابروي-ئىناۋەت.
 
قاشتېشىنى پۇل قىلغان،
گىلەم-ئەتلەس توقىغان،
«ئۈچ گۆھەر»نى تونۇتقان،
كۆپتى بىزدە پاراسەت!
 
نەدىن كەلدى ئۈچخىل كۈچ؟
بىلمەي قالدۇق،بىزمۇ ھېچ،
ئىدۇق ئەزەل تىپ -تېنچ،
ئېغىز ئالدى جاراھەت!
 
نىقاپ ئىلىپ ئىسلامنى،
قىلىپ چەتكە ئىنئامنى،
نېسىي سېتىپ ئىماننى،
ئازدى كۆپلەپ ھاماقەت.
 
قالدى يۇرتۇم قۇيۇندا،
ئۇلار قويغان ئويۇندا،
زېمىستاندا-جۇدۇندا-
قالدۇق،بولدى،قىيامەت.
 
ياش باللىنى ئالدىدى،
نادانلىقتا قال دېدى،
قولغا پىچاق ئال دېدى،
يوقمۇ سەندە شىجائەت!
 
قاپلاپ كەتتى نەگە بار،
ھالال-ھارام پەتىۋا،
كىملەر خار، كىم ئەتىۋا،
بىلەلمىدى جامائەت!
 
قۇتراپ ئازغۇن شەيتانلار،
كۆتەرگەچكە غەليانلار،
پايخان بولدى ئارمانلار،
يوقاپ ئەلدە ئادالەت.
 
قىز-ئاياللار چۈمكىنىپ،
پەرەنجىگە پۈركىنىپ،
ئالدى ئۆيگە بېكىنىپ،
يوقاپ ياشلىق نازاكەت!
 
ياتنى تۆرگە باشلىدۇق،
ئازغۇن گەپنى ئاڭلىدۇق،
ھەتتا بەزى داڭلىدۇق،
بولماستىن ھىچ خىجالەت.
 
بۆلگۈنچىلىك قەستىدە،
ئىكەن ئۇلار ئەسلىدە،
تەپ تارتماستىن رەستىدە،
ئاز ئەمەسكەن تالاپەت!
 
بەك ھەددىدىن ئاشقاندا،
غەزەپ چەكتىن تاشقاندا،
دەسسەتتى خوپ قاپقانغا،
ۋەتەن ياقلاپ ئادالەت!
 
دۆلەت سۈكۈت قىلمىدى،
ھەق-ناھەقنى ئىلغىدى،
قىلچە رەھىم قىلمىدى،
ئۈچ خىل كۈچكەن بىر ئاپەت! 

ھەق ناھەقنى ئايرىدى،
دەل ۋاقتىدا  جايلىدى،
قاچارغا جاي قالمىدى،
باستى راستىن پالاكەت!

چاغلاپ ئۆزىنى پالۋاندەك،
قۇترىغانلار شەيتاندەك،
شۈمشەيدىغۇ ئاسلاندەك،
چۈش كۆرگەندەك قاباھەت.

قىپ ئادالەت نامايىش،
تاپتۇق ئەمدى ئاسايىش،
بولدۇق مانا بىز رايىش،
قانۇن شەمشەر،بار قۇدرەت!

تازىلاشقا زەھەرنى،
سالدى مەبلەغ -كۆپ زەرنى،
ئاياپ دۆلەت ياشلارنى،
تەربىيلىدى كۆپ سائەت!

ئۈچ خىل كۈچنىڭ  تەسىرى،
يۇققاچ كۆپكە ئەسىرى،
ھەپسىلەردە  ھەربىرى،
تارتتى كۆپلەپ  رىيازەت! 

ۋەيران بولدى كۆپ ئۆيلەر،
ھەيران بولدى سەبىيلەر،
سەرسان بولدى  ئانىلار،
چېكىپ ھەسرەت-نادامەت!

سەۋەبىنى بىلمىدۇق،
ئېغىر بەدەل تۆلىدۇق،
ئۈچ خىل كۈچنى تىللىدۇق،
بولغاچ بۇندا قىيامەت!

ئويلاپ دۆلەت خەلقىنى،
كۆزلەپ ئىقبال بەختىنى،
ئايرىسۇن دەپ ياخشىنى،
يۈرگۈزدى خوپ سىياسەت.

چۈشتى كادىر تۆۋەنگە،
ئەلرايىنى بىلەرگە،
سىرداش بولۇپ ئۆتەرگە،
ساقايسۇن دەپ جاراھەت.

چەكمىسۇن دەپ ئىزتىراپ، 
ئۆي ئۆيلەردىن ھال سوراپ،
ئىللىق مېھىر،گۈل پۇراپ،
ياغدى ئەلگە ساخاۋەت!
 
قوشماق تۇققان بولۇشۇپ،
مىللەت ئورتاق ئۇيۇشۇپ،
بىر-بىرىگە كۆيۈشۈپ،
ئۆتتۇق،كەلدى زەپ ئامەت!

بەختىمىزگە  پارتىيە،
قىلدى كۆپلەپ ھەدىيە،
ياڭرار دىلدىن  مەدھىيە،
بەرگەچ بىزگە كۆپ پۇرسەت.

قەدىرلەيلى تېنچلىقنى،
تەكىتلەيلى بىرلىكنى،
چىڭ تۇتايلى ھۆرلۈكنى،
يىراق كەتسۇن زالالەت!


ئەلنىڭ بەختى كۈلمەكتە،
بىزگە پۇرسەت كەلمەكتە،
كۆپلەپ مەدەت بەرمەكتە،
قىلىپ بىزگە شاپائەت!

ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسى،
ھەممىمىزنىڭ كەلگۈسى،
بىزگە نۇسرەت بەرگۈسى،
يۇرتتا يېڭى قىياپەت!

ئۈچ خىل كۈچلەر يوقالسۇن،
ياخشىلىقلار تارالسۇن،
گۈزەل دۇنيا يارالسۇن،
ۋەتەن بىزگە كاپالەت!


2017-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،خوتەن-جىيا
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

   






90 قېتىم كۆرۈلدى tuntekin ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 14:49:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ