سايرە دۇتتارىم - ناخشا تېكىستى -ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

  سايرا دۇتتارىم

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
ناخشا تېكىستى

دەردىگە مۇڭدۇشۇم بولۇپ دىل تارىم،
سايرىغىن دۇتتارىم يەنە سايرىغىن.
يۈەكتىن سۆيگۈنۈم بولۇپ چىن يارىم،
سايرىغىن دۇتتارىم يەنە سايرىغىن .

كۆڭلۈمدە سىرىمنى ساڭا دەپ سالدىم،
كەچمىشىم دەردىنى كۈيۈڭگە چالدىم.
بىلمىدىم قاچاندا ئوتۇڭدا قالدىم،
سايرىغىن دۇتتارىم يەنە سايرىغىن.

دەردىمنى ئالغاندەك سېنىڭ ئاۋازىڭ،
يۈرەكنى تىترىتەر سېنىڭ قوش تارىڭ.
دىللارغا زوق بىرەر سېنىڭ خۇش سازىڭ،
سايرىغىن دۇتتارىم يەنە سايرىغىن.

مۇڭ بېرىپ سايرىدىڭ شۇنچە يىل ئەسىر،
كىبىرسىز ياڭرىدىڭ دالا ھەم قەسىر.
شۇڭا مەن ئاشىق مەن ساڭا مەن ئەسىر،
سايرىغىن دۇتتارىم يەنە سايرىغىن .

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
     





45 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 8:02:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ