ئانا تىلىم
«دۇنيا ئانا تىل خاتىرە كۈنى»گە
يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن
سۇلارمۇ سۆزلىشەر سۇنىڭ تىلىدا،
بۈركۈتلەر مۇڭدىشار بۈركۈت تىلىدا.
ئادەممەن تىلىم بار ئەجداتتىن مىراس،
ياپراقچە سۆزلىشەر ياپراق جېنىدا.
تىلى بار ئالەم بۇ جىمى نەرسىنىڭ ،
گاچىمۇ سۆزلەيدۇ گاچا تىلىدا .
سۆزلەيمەن ئانامنىڭ سۈتىدىن كىرگەن،
ئاتامنىڭ قېنىدا-ئۇيغۇر تىلىدا.
ئۇيغۇرمەن ھۇنگاندىن كاۋكازغا قەدەر،
تاغۇ-تاش، غارلارغا تىلدىن گۈل چەككەن.
مەھمۇد، يۈسۈپ،ناۋائىي، ئابدۇشۈكۈر…
ئالىملىق شەنىگە شۇ تىلدا يەتكەن .
بىلسەممۇ سۇلايماندەك بارچە تىلنى،
ئۇلتېشىدۇر ئانا تىل ئۆزگە تىلنىڭ.
توغراقلارنى ياشنىتار تارىم سۈيى،
چاڭقىغاندا تامچىسى يوق زور نىلنىڭ.
شۇل سەۋەب ئۇيغۇر تىلى دىل ھۇزۇرۇم،
ئار نومۇس ھەم ئىپپىتىم، پاك غۇرۇرۇم.
ئىپتىخارىم، شۆھرىتىم،جان كوزۇرىم،
سەنسىز ئۆچەر ھايات شامىم، كۆز نۇرۇم.
515 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان ئىسمايىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-19 3:52:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|