ئويغانمىغان چۈش
(نەسىر)
ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى
ئەتراپنى خۇش پۇراق قوينىغا ئېلىپ، قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلۈپ، كۆزنى چاقناتقان بىر چاغ. كىچىك قولۇڭ قولۇمنى چىڭ سىقىۋالغان ئىدى. لەرزان شامال چاچلىرىڭ بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن، قوياش يامراتقان ئالتۇن نۇر قۇندۇز چاچلىرىڭغا باشقىچە گۈزەللىك جۆر قىلغان ئىدى. ساڭا قارىدىم، ياق! قاراشقا پېتىنالمىدىم. چۈنكى ساڭا قارىسام كۆرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. ۋەھالەنكى يۈرىكىم ماڭا ساتقىنلىق قىلدى، ئاستا ئەنسىرەش ئىلكىدە ساڭا باقتىم. ئايان بولدىكى، سەن يوقاپ كەتمىدىڭ، خۇش بولدۇم. ساڭا تويماي قارىدىم...
قۇندۇز كۆزلەرنىڭ ئۈستىگە قونغان ئورغاق كىرپىكلەر، قۇيۇق ھەم قارا كەتكەن توم قاشلار، بىگىز بۇرۇن ئاستىدىكى ئالما كالپۇك،ئالماستەك سۈزۈك پار-پۇر چىشلار، ئالتۇن رەڭ زىمىندىكى ئۇسسۇلغا چۈشكەن تال-بەرنا چاچلار…
تويماي قارىدىم، لېكىن ماڭا قاراپ قويمىدىڭ، يىراقلارغا كۆز تاشلاپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىڭ.سېنى ئۆزۈمگە قاراتماق بولدۇم، ھەمدە ئىھتىياتچانلىق بىلەن قۇلۇڭنى تارتتىم ،بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ خاتا ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ سەندىن كۆزۈمنى قاچۇردۇم. سەن قارىدىڭمۇ يوق ئۇنىسى نامەلۇم، بەلكىم قارىمىدىڭ. چۈنكى قايتا غەيرەتكە كىلىپ ساڭا قارىغاندا، سەن يەنىلا باشقا ياققا بەند ئىدىڭ. مېڭىۋاتىمىز… توختايدىغاندەك ئەمەس، قوياش بالدۇرلا بىز بىلەن خوشلاشتى،يۇلتۇزلار جىمىرلاپ قارا تۈننى غۇۋا يورۇق قىلدى، ئورغاق ئاي يالغۇز، ناھايىتى مىسكىن ئىدى. كۆڭلۈم بىرنەرسىنى تۇيغاندەك قىلدى، قورقتۇم ! قولۇڭنى مەھكەم سىقىمدىۋالدىم، بىلەتتىم ! ئاز ۋاقىتىن كىيىن مېنى تاشلاپ كېتەتتىڭ، ئاخىرقى بىر كۆرۈش شارابىنى ئىچىشكە قانچە زار بولدۇم بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. سەن كەتتىڭ، ناھايىتى ئاسانلا كىتىپ قالدىڭ، كەتكىنىڭنى ئۇقماي قاپتىمەن، چىڭ سىقىپ ئاغرىغان قوللىرىم سېنىڭ كېتىپ قالغانلىقىڭنى ماڭا ئېيتىپ بەردى. بۇ شارابى ئازابقا قانمىغان قەلبىم كۆز ياشلىرى بىلەن سېنى يولغا سالدى…
كۆزۈمنى ئاچتىم. ياستۇقۇم خېلىلا ھۆل ئىدى. كۆرگەن چۈشۈمنى بىر قۇر ئەسكە ئالدىم، بىراق بۇرۇنقىدەك ياستۇققا ئۆزۈمنى تاشلاپ بۇ چۈشنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى ئويلىمىدىم، بۇرۇنقىدەك كۈنلەپ تاماق يېمەيمۇ يۈرمىدىم ئەلۋەتتە. توغرا ئېيتىپتىكەن، ۋاقىت ھەممىنىڭ دورىسى دەپ. ۋاقىت شىۋىرغانلىرى ماڭا يەتكەن بولسا كېرەك، مەندىكى ئازابلارنى ئېلىپ كېتىپ ماڭا شۈكرىلەرنى تەقدىم ئەتتى. ھەمدە ئاستا شىۋىرلاپ ئيتتى :"ئويغان، سەن كۆرگەن چۈشلەرنى باشقىلارمۇ كۆرسۇن…"
2017.01.14
ئۈندىدار :1182596903
196 قېتىم كۆرۈلدى | izchii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-13 16:07:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-23 4:50:58 | okurman |
abdurusul izqi dawamlik terixig .yegi asarlergz ni kutiwatiman. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|