يۈرەكتىكى ھىكايە
دىلنۇر
يۈرۈكۈمدە بار بىر ھېكايە ،
مەن ئۇنىڭدا گۈزەل مەلىكە .
ھېكايىدە بارھەم شاھزادە ،
مۇھەببەتكە قىلغان ئىرادە ...
يۈرۈكۈمدە بار بىر ھېكايە ،
چۆچەكلەردىن قىلىشماس قىلچە .
ئاشق بولغان ئىكەن شاھزادە ،
مەشۇقىدۇر گۈزەل مەلىكە ....
گۈزەل ياشلىق ،غۇبار پەيتىدە ،
كۆيۈشكەندى ئۇلار ئەسلىدە ،
شاھزادە ھەم قەسمياد قىلىپ
ئۆتمەكچىدى سۆيگۈ قەسرىدە ...
يۈرۈكۈمدە بار بىر ھىكايە ،
ئاسمان زىمىن قالغان ھەۋەستە .
بەخىت تىلەر ئىدى بىرجۈپكە ،
گىياھلاردىن تىزىپ گۈلدەستە ...
ئەپسۇس ئەمما مىڭلارچە ئەپسۇس ،
يۈرەكتىلا قالدى ھىكايە ..
چۆچەكلەردەك سۆيگۈ قەسرىگە ،
يەتكۈزمەستىن كەتتى شاھزادە ...
يۈرۈكۈمدە قالدى ھىكايە ،
مۇھەببەت ئۇ بولدى ئەپسانە ..
تۇپراققا تەڭ كۆمۈلەر بەلكى ،
يۈرەككە دەز سالغان ھىكايە ......
2016-11-23
| 88 قېتىم كۆرۈلدى | nazuk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-28 23:42:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|