داداڭ كېتىپ قالغاندا (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 داداڭ كىتىپ قالغاندا
تۇرغۇن راخمان( كەمتەر)

كېتىپ قالغاچ جان دادام،
يەتكەن ئىدى غېرىبلىق،
ئۇنتۇپ قالدۇق كۈلۈشنى،
يۈرەك دەرتكە لىقمۇ-لىق.

گۆش پولولار يېسەكمۇ،
سەزمىدۇققۇ تېتىشلىق،
چاقىرساقمۇ،زار يىغلاپ،
ئۆيلەر قۇلۇپ سېلىغلىق.

ئانا دېگەن باغ بولسا،
دادا دېگەن تاغ ئىكەن،
كېتىپ قالسا دادىمىز،
ھەممە كىشى يات ئىكەن.

داداڭ كىتىپ قالغاندا،
ھوجورلىرىڭ جىمجىتلىق،
ياتسىرايدۇ بېغىڭمۇ،
كەتمەن،گۈرجەك،ئېسىغلىق.

جېنىم دادا سېغىندىم،
تېنىقلىرىڭ ئىزدىدىم،
ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ،
ھېرىپ-چارچاپ ئىزىلدىم.

دادام بولسا يىغلىماي،
ياشار ئىدىم شوخ كۈلۈپ،
نىمە ئامال جان دادا،
پۇرالمىدىم،گۈل تېرىپ.
     





69 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:35:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ