توۋا دەيمەن
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۋاتاتىم تۆۋەندىكى يازمىنى يوللاپتۇ :
يىغلا ....
ئۆز قەدىر قىممىتىڭنڭ ساقلانمىغىنى ئۈچۈن !
ئۆزۈڭنىڭ غۇرۇرۇڭنىڭ دەپسەندە بولشىغا قاراپ تۇرغىنىڭ ئۈچۈن !
ئۆزۈڭنى قانداق گەپ قىلسا بولىدىغان ئۆيۇنچۇق ئورنىدا كۆرگۈزۈپ قويغىنىڭ ئۈچۈن !
ئۆزۈڭنى باشقىلارغا شۇنداق پەسكەش قىلىپ چۈشەندۈرگىنىڭ ئۈچۈن !
ئۆزۈڭنى ھۆرمەتتىن مەھرۇم قىلغىنىڭ ئۈچۈن !
يىغلىغىن ، قاتتىق يىغلا !!!!!!
* * *
يۈرۈگۈمنىڭ ساداسى ھەربىر ھۈجەيرىلىرىمدە ساقلىناتتى ، يۈرەك تىۋىشىمنى تومۇر تومۇرلىرىم سىزەلەيتتى ......
بۈگۈن يۈرۈگۈمنىڭ يەنە بىر تەنبىھىنى كۈتىۋالدىم ، ئۇ تەنبىھ شۇنچە داغدۇغا بىلەن قىلىندىكى بىشىمنى كۆتۈرۈشكە يۈز ، قاراشقا كۆز قالمىدى !
ئاچچىق بىر يىغا نەپسىمنى قىستى .....
قۇلاقلىرىمنىڭ بەزى سۆزلەرنى ئاڭلىماسلىقى ، كۆزۈمنىڭ يەنە قايتا كۆرۈپ قالماسلىقىنى تىلىدىم ، ساختىلىق مىنى يىرگەندۈرەتتى ...!
كۈندە ئاشۇ يىرگىنىشلىك ساختىلىق كۆز ئالدىمدا ، دىيلگەن سۆزلىرىم ئاڭلاپلا قويۇلدى ، قىلچە پەرۋاغا ئىلىنمىدى!!!!
پارتىلغان يانار تاغ كەبى ئىسيان يۈرۈگۈمنىڭ سىرتىغا تەپچىۋاتىدۇ !
تۇرۇپ مويلاپ قالدىم ئادەم دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، كۆڭۈلنىڭ قۇلى بوپ كەتتىمۇ بولدى قارشى تەرەپكە قانداق تەسىر بىرىشڭدىن قەتئىي نەزەر ئەسەبىلەرچە تىركىشىدىكەنسەن ، لېكىن ماھىيەتتە ئويلىمايسەنكى شۇۈقارشى تەرەپ سېنىڭ ھايۋانىي نەپسىڭنىڭ قۇلى بوپ كەتكەن تىنىڭنى قۇتقۇپ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە رازىي بولىدىكەن ، لېكىن شۇ دەدەلنىڭ ساھىپى بولمىش سەن ، كۆڭۈلنىڭ قۇلدارلىقىدىكى سەن شۇنى ئويلىمايدىكەنسەن ، توۋا دەيمەن.
| 107 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-31 21:09:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|