ئاشىق نالىسى
ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان
بىلىنگەي ئويلىسام يارىم ساڭا بارماققا يول يوقتەك.
بىراق بارغۇم قەۋەت باردۇر، يېنىڭغا تېز ئۇچۇپ ئوقتەك.
ئەجەپمۇ قويمۇدۇڭ ئىمكان دىدارغا، مەن باراي قانداق،
رەقىپتەك قويدۇڭا جۇتتا ئەلەمدىن ئۆلمىكىم خوپتەك.
مىنى ئوخشاتمىغان باشتا سامادا قالمىغان ئايىڭ،
كىتەردە چاغلىدىڭ دۈشمەن بىراق،يىغلاتمىقىڭ ھەقتەك.
ۋىسالغا تەلمۈرۈپ ھاردىم، سېنى دەپ قان يۈتۈپ قالدىم،
يېنىپ تۇرغان بىلەن سۆيگۈم ھەمىشە نۇر چېچىپ ئوتتەك.
مۇھەببەت ئەھلىگە ھەردەم،مۇشەققەت يار ئىكەن ئەمما،
بىلىنمەمتى ۋاپا بولسا، جاپامۇ ئانچىكى ئىشتەك.
ئوتى ھەرچاغ سېغىنماقنىڭ دىلىمنى ئەيلىگەي مىسكىن،
توسۇلغان مەنزىلىم ئەمما، گويا كۆز يەتكۈسىز تاغدەك.
بارالمايمەن يېنىڭغا ئاھ...كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يا،
تۇيۇلغاي بۇ ئۆزۈمگە گاھ، گويا تەبىرى يوق چۈشتەك.
ئەجەپكەن قىسمىتى ئاشىق-مۇھەببەت ئەھلىنىڭ توۋۋا،
ياشايمەن نە ئىلاجىم بار؟ گويا بىر ناتىۋان قۇشتەك.
88 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 11:38:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|