ھەققىم يوقمۇ (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ھەققىم يوقمۇ

مەمەتجان سەمەت


ئاتا ـ ئانا. سوراپ باقاي سىلەردىن،
مېھرىڭلارغا قېنىشقا ھەققىم يوقمۇ.
غەمگە پاتتىم تېخى كىچىك تۇرۇپلا،
تايدەك ئويناپ چېپىشقا ھەققىم يوقمۇ.

بەخىتلىك  بۇ  ئائىلىنى  قوغدىماي،
جىدەل تېرىپ ئۇرۇشۇپلا توختىماي.
ئايرىلدىڭلار مېنى پەقەت ئويلىماي،
بىر ئېغىز سۆز ئېيتىشقا ھەققىم يوقمۇ،

ئاتاـ ئانام بار دەپ خۇشال يۈرۈپمەن،
ھېچ نەرسىدىن غەملەر يىمەي كۈلۈپمەن.
تاتلىق ئۇخلاپ ھىدىڭلارنى پۇراپمەن،
يېنىڭلاردا  يېتىشقا  ھەققىم  يوقمۇ.

ئاغرىتتىڭلار ئەجەپ بەكمۇ بېشىمنى،
ئاققۇزدىڭلار كۆزلىرىمدىن يېشىمنى.
ئۆرۈدىڭلار كەلگۈسۈمنىڭ تېمىنى،  
مەن بەختىمنى تېپىشقا ھەققىم يوقمۇ.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





349 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 6:21:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-22 11:33:39 dawex
مەمەتجان قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ئۇكام
2017-3-22 6:36:56 ئەخمەتجان
ناھايتى ياخش يېزىپسىز مەمەتچان
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ