كۆڭلۈم

         ‏              كۆڭلۈم

    ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

كۈلپەتلەر تېنىڭنى ھالسىرتىپ ئۆتسە مىڭ تالاي،
چىدىغىن،سەۋىرقىل،غۇدۇروپ قاخشىما كۆڭلۈم.
غەلبىلەر تۆھمەتكە قۇل بولۇپ،نوقۇلسا ماڭلاي،
تەرىك ئەت سۈكۈتنى ،بوغۇلۇپ ياشىما كۆڭلۈم.

كەمتەر بول،بىرۋانىڭ ،كۆڭلنى تۇرغىن ئاۋايلاپ،
يامانغا بولمايانتاياق،غىرىپنى قاخشاتما كۆڭلۈم.
شەھىۋەتنىڭ بۆشۈگىدە يىتىپ ، ئاي -ئايلاپ،
شەيتاننىڭ دېپىغا ،تىرەڭنى ئاشلاتىما كۆڭلۈم .

رام قىلسا مەيلڭنى،تۇلۇن ئاي كەبى غلىمانلار،
شۆلگيىڭ ئېقىتپ،ھىجايما،قاش ئاتما كۆڭلۈم.
مايمۇننىڭ قىلىقنى ئەزەلدىن ، قىلماس ئنسانلار،
سەمىمى دىللارنى داغلىما،تاش ئاتما كۆڭلۈم.

شەرەپلەر قۇچىقاندا يېنڭدىن ،ئەگىپ كتەلمەي،
مەستانە-مەس يۈرگەننى ،دوست دىمە كۆڭلۈم.
مۈشكۈلدە تۇرسا گەر يېنڭدا سەندىن كچەلمەي،
ئەنە شۇ دوس دىگەن،ئاۋايلا،سلىكمە كۆڭلۈم.

باھارىڭ كەلگەندە،كاككۇكۇڭ ، زەينەپنى چىللار،
زەينەپتىن سادا يوق،سايرىمىسا ،قايغۇرما كۆڭلۈم.
مىھرىگە بى تەشنا ۋاپادىن ، جاپا كۆرگەندە دىللار،
ئاھ-ئۇرۇش ئارتۇقچە نامەرتكە ، يالۋۇرما كۆڭلۈم.

ئىشەنگەن يارەنلەر، ئەقىدەڭنى ، ئۇرغاندا يەرگە،
يىقىلما،تۇرۇپ قال،ناگېھان،خەيرىخاھ كۆڭلۈم.
كۆپ قېيىق دەسسگەن ئۇلتۇرار ، تگەلمەي ئەرگە،
ئەركەكتەك قەدەم ئال،پاسىبان ،پادشاھ كۆڭلۈم.

       2017-يىلى 27-ماي (قارىتاغىز)
     

 تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

ئۈندىدار:qq1165181317 

مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589 







115 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 12:48:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ