كۆزۈڭ يۇمۇلدى ئۇنى كۈرەي دەپ - ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك
كۆزۈڭ يۇمۇلدى ئۇنى كۈرەي دەپ

 ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

 كېچىلەر ئۇيقۇنى قىلغاندا تەرك،
 پاتىسەن خىيالنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا.
 ھاياتنىڭ قاينىمى كېلەر ئېسىڭگە،
 شوڭغۇدۇڭ قانچىلىك دولقۇنلىرىغا.

 كۈزۈڭنى يۇمىسەن ئۇنى كۆرمەك بۇپ،
 كۆرۈنەر قەلبىڭگە ئەڭ تۇنۇش سىما.
 ئاچىسەن كېچىدە بەرىبىر ئوخشاش،
 بۇپقالدىڭ گۇياكى ئۇيقۇسىز ئەرۋاھ.

 ئارزۇنىڭ قانىتى يۇڭدالغان پېتى، 
بەك غېرىب ياتىدۇ قەلبىدە قەبرەڭ. 
بەك ئاچچىق رىئاللىق پەقەت سەن ئۈچۈن،
 بۇ تەقدىر كۆرسىتەر ئويۇن ۋە نەيرەڭ.

 شۇنداق كۈن ئۇنىڭغا بەخىت تىلەندى، 
يۈرىكىڭ يېرىلدى پايانداز بولۇپ.
 ماڭىدۇ ئاۋايلاپ دەسسىلەر ھامان،
 كېتىسەن ھۇجرىدا ئاستا ئۇنتۇلۇپ.  

ئېسىلىپ تۇرىسەن كېچە قوينىدا،
 دەردلىرىڭ ياپراق بۇپ شىۋىرلار مۇڭلۇق.
 ئۇ بىغەم ياتىدۇ ئەرش قوينىدا،
 كۆزۈڭگە سىغمايدۇ يۇڭلۇق شۇ مەخلۇق.

 كېچىدە نۇر بېرەر ئاجىز بولسىمۇ،
 چەيلەنگەن يۈرەكتە چاقنار ساداقەت. 
تىنىقىڭ بىلىنەر پەقەت ئۈزۈڭگە،
 تەلمۈرمە ھېچكىمگە ھەمراھ جاسارەت.

 جۆيلۈيسەن ئۇخلىماي نېمىلەرنىدۇ؟
 كېچىلەر ئۇيقۇنى قىلغاندا تەرك،
 توسمىغىن ھېچكىمنى ھېچ ئىشنى پەقەت،
 قۇيۇپ بەر ھەممىنىڭ ئۆزىدە ئەرك.

 2016-يىلى فىۋرال يۇرتى قاراقاش




222 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-21 16:25:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-14 11:56:58 ئابدۇللا
ياشاپ كەتسىلە مۇئەللىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ