تۆت كۈن بولسىمۇ - ھەسەنجان ئابلىمىت

تۆت كۈن بولسىمۇ

 

ھەسەنجان ئابلىمىت

 

 پۇلغا ساتما ۋىجداننى گەر جىنىڭ كەتسىمۇ،

 مال-دۇنيايىڭ ئەسقاتماس جېنىڭ تۆمۈر بولسىمۇ.

نىمە بولساڭ بولغىن ھەق ئۈچۈن،

ۋىجدان بىلەن باش كۆتۈر تۆت كۈن بولسىمۇ.

كەتسە كەلمەس دۇنيا بۇ ئارمان بىلەن ياش تۆكمە،

ھەقىقەتنى تونىغىن داداڭ سۇلتان بولسىمۇ.

 تۇز ئىمان تېتىغانسەن مۇسۇلمان ئوغلى،

 ئىمان بىلەن دۇئا قىل تۆت كۈن بولسىمۇ.

 كەتكەنلەرگە قاراپ قالدۇق ئاھۇ زار بىلەن،

ئويلاپ قويغىن شۇ ئۆلۈم بىزلەرگىمۇ كەلمەسمۇ.

ئەسقاتمايدۇ نوچىلىق سەن بىر خاقان بولساڭمۇ،

 ئاخىرەتنى ئويلاپ قوي پەقەت تۆت كۈن بولسىمۇ.

 ئويلىمىدىڭ ئۆلۈمنى ئۇنىتتىڭمۇ تاۋۇتنى،

 قانلىق يىغا ئۇزاتقان بىرى قايتىپ كەلگەنمۇ .

بىلسەڭ ھايات چاغلىقتۇر تۆت كۈنلۈكلا دۇنيا بۇ،

جانىڭ ئۈچۈن سەجدىگە چۈشىۋالغىن تۆت كۈن بولسىمۇ.





79 قېتىم كۆرۈلدى asan jan abli mit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-5 23:35:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ