شائىربولسا سزچىلىك بولا - مۇھەممەدجان راشىدىن ئۇستازغا بىغىشلاپ

شائىربولسا سزچىلىك بولا

 

ئوت يۈرەك شائىرمۇھەممەدجان راشىدىن ئۇستازغا مەدىھە……

 

شېئرىيەت گۈلزارلىقنىڭ،

باغۋىنىسز تۆھپىكارئۇستاز.

شېئىربىلەن ئۆتتى ئۆمرىڭىز،

مەيلى جۇدۇن مەيلى باھارياز.

 

ھايات نېمە؟!مۇھەببەت نېمە؟

جاۋاپ تەييارقەلىمىڭىزدە.

يۈرىكىڭىزدە ئوتلۇق مىسرا،

ئاپىرىن كۆپ تەرىپىڭىزدە.

 

رەزىللىككە يامان ئىللەتكە،

تەنىقىد تەنبىھ يېزىپ كەلدىڭىز.

ئەل غېمىگە مەنىۋى ئوزۇق،

ئۈزۈلدۈرمەي بېرىپ كەلدىڭىز.

 

دىېھقان دىسە ئېلھام ئېتىڭز،

تەسۋىر بىلەن چاپچىپ تۇرىدۇ.

تېكىستىڭىز نەغمە ناۋادا،

ناخشىچىلارئېيتىپ تۇرىدۇ.

 

خىيالىڭىزتەسۋىرلەرگە باي،

ئىجاد قىلىپ تىنىم تاپمىغان.

پەلسەپەۋى ئوي-پىكىرىڭىز،

ناچارلىقنى ھامان شاللىغان.

 

دائىرىسى نەزىرىڭىزنىڭ،

چەتنىمىگەن ئەلنىڭ رايىدىن.

توغرا يولغا ئۈندەشلىرىڭىز،

دىرەك بېرەر ئۈمىد ئىقبالدىن.

 

كەينىڭىزدە تالاي ھەۋەسكار،

سۆزلىرىدە قايىللىق تولا.

مەدىھەدە مۇبالىغە يوق،

شائىربولسا سزچىلىك بولا.

 

2015/9/21





172 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-21 21:56:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ