نىچۈن ياقماس بولدى ھەقىقەت
قىيا بىقىپ قاردىم ھاياتقا ،
يۈركلىرىم تولدى ئازاپقا ،
مەن يۈرىمەن ھەركۈن سىناقتا،
نىچۈن ياقماس بولدى ھەقىقەت.
شۇنداقمىدى ئەسلىي مۇھەببەت ،
تولارمىدى يۈرەككە ھەسرەت .
سەۋەبىنى ھىچ بىلەلمىدىم ،
ماڭا ياقماس بولدى ھەقىقەت .
سۆيگۈم دىلدا ياناتتى ئەبەت ،
ۋاپادارىم بولساڭلا پەقەت .
يەكسەن بولدى تاغدەك ئىشەنچىم ،
بۇ ئىنكارسىز رىئال ھەقىقەت .
ئازاپ تولدى يۈرەككە قەۋەت ،
ئىچەلمىگەچ سۆيگۈدىن شەربەت .
بىزار بولدۇم بۇ رىئاللىقتىن ،
چۈنكى ياقماس بولدى ھەقىقەت .
قالغىنى شۇ ئازاپ ۋە نەپرەت ،
گويا ماتەم بولدى مۇسۇبەت .
ئۆزىمگىمۇ دەيمەن نەچچە رەت ،
نىچۈن ياقماس بولدى ھەقىقەت .
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | talwahan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-4 0:53:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|