بەلكىم - رىزۋانگۈل

بەلكىم
رىزۋانگۈل (مودەن) 


كۈلۈپ يۈرسە خۇشالكەن دەردى يوق دېمە،
ھەسرەتلەرنى ئ‍ىچىگە يۈتكەندۇ بەلكىم.
سۈكۈتلەرگە جۈر بولغان زەرداپ يۈرىكى،
دەرتلىرىگە دەرمانلار كۈتكەندۇ بەلكىم.
……
ئ‍ەلەملەردە تۆكسە ياش سەبرى يوق دېمە،
ئ‍اچچىق ئ‍ازاپ ياش كەبى تاشقاندۇ بەلكىم.
سەكپارە بوپ يۈرەكلەر يەتمەي تاقىتى،
پىغانلىرى پەلەكتىن ئ‍اشقاندۇ بەلكىم.
……
چۈشەنمەستىن بىراۋنى رەھىمسىز دېمە،
بىر ئ‍ۆزىگە ئ‍اياندۇر ئ‍ازابى بەلكىم.
ئ‍ۆزگە ئ‍ۈچۈن شاتلىقى بولغاچقا دەپنە،
ئ‍اشتى يەنە بۇ يۈرەك زەردابى بەلكىم. 


2016-يىل1-دىكابىر مايتاغ





38 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-11 20:57:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ