ئازاپلىق كىچە
قەيسەر ( ئارمانى )
ھەجەپمۇ غېرىپلىق باستىلەر مىنى،يەنە ئازاپلىق سەرسان بۇكىچە ،
تاڭغا تەلمۇرۇپ ئېيتىم قۇياشقا، تىزراق چىققىن قىينىماي بۇنچە .
***
ئاغرىتتى يۈرەكنى ھېچ توختىماي، ئاشۇ بىر ئوتلۇق پىراق ،
تېپىلمىدى دەردىمگە داۋا، نە قىلاي مەن ئىلاجىم قانچە .
***
يوق ئىكەن يېنىمدا سىرداش دوستۇم ، ياكى قېرىنداش ،
چاي ئىچكەچ، ئەھۋالمنى بايان قىلماققمۇ زار بولدۇم شۇنچە .
***
تاپالمىدىم خۇشاللىق ئىزدەپ غەم قايغۇلار بولىدى ماڭا ھەمراھ ،
دەپ تاشلىدى كۆكتىكى تۇلۇنئاي سىنىڭ ھالىڭ خاراپ نىمانچە ؟
2016 - 12 - 11 تۈن كىچە
پىكىر تەكلىپ بىرشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن QQ: 824728197
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | قەيسەر ( ئارمانى ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-12 0:53:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|